欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用含认罪认罚)(赛某某危险驾驶案)(公开版)-副本_温宿县人民检察院

2021-09-26 独角龙 评论0

温宿县人民检察院

不起诉决定书

温宿县检一部刑不诉〔2020〕15号

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                                                     ئو ت ئەيىبلمەسلىك (2020) 15- نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى سەxx ، ئەر، 1981-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى:6529221981xxxxxxxx، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيسىگە ئىگە، دىھقان، ئونسۇ ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت xx-مەھەللە xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. جىنايەت گۇماندارى سە xx خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى سە xx نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچىگە دەۋادىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇردۇق ۋە پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. ئاشكارە تەكشۈرۈش تەرتىۋىنى بېسىپ ئۆتتۇق. ھازىر دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەر ئېنقلاندى:

ئەيىبلەنمىگۈچى سەxx  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 19 دىن 35 مىنۇت ئەتىراپىدا، مەست ھالەتتە ئۆزىنىڭ 新Nxxxxx نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ، ئونسۇ ناھيە جام بازار لاپا كەنىت 2-مەھەللە يەسلى ئالدىدىكى يول بۆلىكىدە كىتۋاتقاندا، جام ساقچىخانا ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچى سە xx نىڭ ۋېنا قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml82.35 چىققان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

يازمائىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچى تۇرسۇن تۇنيازنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشچە، ئەيىبلەنمىگۈچى سە xx نىڭ قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بىراق ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يەڭگىل، ئىجتىمائىي خەۋپى چوڭ ئەمەس، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلاردەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچى سە xx نى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.

ئەيىبلەنمىگۈچى قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

ئۇنسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top