ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلىمەسلىك قارار نامىسى
ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 21–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
ئەيىپلەنمىگۇچى ئا****، ئەر، ئۇيغۇر، 2001-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۈلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6531012001.ئۈرۈمچى شەھەرلىك **-ئوتتۇرا مەكتەپ *-يىللىق *-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى *** يولى ***-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك ***-نۇمۇر. بۇ قېتىم 2020-يىلى6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق قىلمىشىغا چېتىشلىق دەپ قاراپ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى شەكىللەنگەن، قولغا ئېلىشنىڭ زۆرۇريىتى يوق دەپ قاراپ قولغا ئالماسلىقنى تەستىقلىغان، شۇ كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىپلەنمىگۇچى ئا****نىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 25-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەيىپلەنمىگۇچىلەرگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىپلەنمىگۇچى ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى4-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 21:30 لەردە ئەيىپلەنمىگۇچى ئا****، نۇر****لار ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى غالبىيەت يولى ئاق ساراي مېھمانخانىسىنىڭ ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدا پاراڭلىشىش جەريانىدا بىر دانە تېلفۇننى تېپىۋېلىپ ، شۇ تېپىۋالغان تېلىفۇننىڭ ئۈندىدارغا باغلاقلىق بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى ئوغۇرلاپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە، تېلىفۇننىڭ ئۈندىدارنىڭ پۇل تۆلەش مەخپى نۇمۇرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۈندىدارغا باغلاشتۇرغان بانكا كارتىسىدىن جەمئىي 1840 يۈەن پۇلنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇندىدارىغا ئاغدۇرۋالغان، ئەيىپلەنمىگۇچى ئا**** تېپىۋالغان تېلفۇنغا پىڭ دودو (拼多多) مال سېتىۋېلىش سېستىمىسىنى چۈشۈرۈپ،بۇدىتالدىن 349 يۈەنگە ئاياغ، 20 يۈەنگە ماسكا، 10 يۈەنگە تېلىفۇن قېپى،تاللا دۇكىنىدىن 230يۇەنگە بىر تو يۇشى تاماكا ئالغان، ئۆزىنىڭ قول تېلىفۇنىغا 50 يۈەن سۆزلىشىش قىممىتى تۇلۇقلىغان، ئەيىپلەنمىگۇچى نۇر****نىڭ قول تېلىفۇنىغا 30 يۈەن سۆزلىشىش قىممىتى تۇلۇقلاپ بەرگەن ھەم 100يۇەن قىزىل بولاق ئېتىپ بەرگەندىن كېيىن تېلفۇنىنى ئەيىپلەنمىگۇچى ئا**** ئېلىپ كېتىپ ئەتىسى تېلفۇننى 400 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى ئۆزى خەجلەپ تۇگەتكەن.
ئەيىپلەنمىگۇچىلەر تېپىۋالغان تېلىفۇندىن ئوغۇرلاپ ئېلىۋالغان پۇل جەمئى2529 يۈەن بولۇپ دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن.
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەيىپلەنمىگۇچى ئا**** جىنايى ئىشلار 5- ئەترەت تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: ئەيىپلەنمىگۇچى ئا****نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
3. ئەيىپلەنمىگۇچىلەرنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4.باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ پۇل ئاغدۇرغانلىق ئۇندىدار خاتىرىسى ، نەق مەيدان تونۇتۇش سۆرئەتلىرى؛زىياننى قايتۇرۇپ بەرگەنلىك ئىسپاتى ۋە كەچۇرۇم قىلىش خېتى؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەيىپلەنمىگۇچىلەرنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: ئەيىبلەنمىگۈچى ئا****نىڭ دۆلەت قانۇن-تۈزۈملىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، خۇسۇسىيلارنىڭ پۇلىنى يوشۇرۇن ئوغرىلىغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى ئوغرىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. لېكىن قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يېنىك، بۇرۇن جىنايەت سادىر قىلمىغان، دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاكتىپ ھالدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشكەن، جىنايتىنى تونۇش پوزىيتىسى ياخشى،مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ جىنايى جازادىن كەچۇرۇم قىلىنسا بولىدۇ دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177– ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچىلەر بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېينىكى يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېينىكى يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۈقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ ياكى بىۋاستە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز بەرسەبولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论