温宿县人民检察院
不起诉决定书
温宿县检一部刑不诉〔2020〕27号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئو ت ئەيىبلمەسلىك (2020) 27-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xx، ئەر، 1986-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6529011986، ئۇيغۇر، تۇلۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئوقۇتقۇچى، xx شەھىرى xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-ئىشىك xx-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xx نى قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچىگە دەۋادىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇردۇق ۋە پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. ئاشكارە تەكشۈرۈش تەرتىۋىنى بېسىپ ئۆتتۇق. ھازىر دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەر ئېنقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xx 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 18 دىن 34 مىنۇتلار ئەتىراپىدا، 新N xxxx D نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلنى ھەيدەپ شەرىق يۈلىنشتە يول يۈرۈپ Z620-لىنيە 40-كىلومىتىر 500 مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، جەنۇپتىن شىمال يۆنىلىشتە تۇيۇقسىز يولدىن كىسىپ ئۆتكەن زىيانلانغۇچى ئا xx غا (5ياش) سوقۇلۇپ كەتكەن. نەتىنجىدە زىيانلانغۇچى ئا xx زەخملەنگەن، قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان، يول قاتناش ھادىسى كىلىپ چىققان. زىيانلانغۇچى ئا xx 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاقسۇ يېزا ئىگلىك 1-دىۋىزىيە دوختۇرخانىسدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ھادسىدە ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xx گە ئاساسلىق مەسئۇلىيەت بىكتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
يازمائىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xx نىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xx نىڭ قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بىراق ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يەڭگىل، ئىجتىمائىي خەۋپى چوڭ ئەمەس، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ. ئاكتىپلىق بىلەن زىيانلانغۇچى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي زىينىنى تۆلەپ زىيانلانغۇچى ئائىلىسىدىلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلاردەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xx نى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
ئۇنسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论