欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用含认罪认罚)(麦提如则·穆萨)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

xx ئاپتۇنۇم رايۇنى xx ناھىيىلىك خەلق تەپتىش  مەھكىمىسىنىڭ 

 ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى

                  

                         چ ت ج ئى (2021) -xنۇمۇرلۇق

            ئەيىپلەنمىگۈچىمxx، ئەر، ئۇيغۇر 1973-يىلى x-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، سالاھىيەت گۇۋاھنامە نۇمۇرى :6532xx1973xxxxxxx، دېھقان، ئامما ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ،  نۇپۇسى  ۋە ئولتۇرىقى: شىنجاڭxxناھىيەxx يېزاxx كەنتىxx-نۇمۇر،ئىلگىرى جازالانمىغان،2020-يىلىx-ئاينىڭ x-كۈنى ج خ ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرلگەن، 2021-يىلى -1ئاينىڭ xx-كۈنىxناھىيلىك  تەپتىش مەھكىمىسى تەرپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە. 

 xx  ناھىيىلىك ج  خ ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى مxxنىڭ  ئوغۇرلۇق جىنايەت دىلوسىنى 2021-يىلىx- ئاينىڭ 21- كۈنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشى  ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، 2021-يىلىxئاينىڭ x-كۈنى ئەيىپلەنمىگۈچى مxxغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە دەۋادىكى ھۇقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇش،جازانى قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى ئۇقتۇردۇق، قانۇن بۇيىچە سۇراق قىلدۇق. ھەم دەلىل ئىسپاتلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق  ئەيىپلەنمىگۈچى مxxنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تۇۋەندىكىچە بىكىتتى.

 (1)2020 -يىلىxxئاينىڭ باشلىرىدا،   ئەيىپلەنمىگۈچى  مxxتاغىسى  ئاxxنىڭ  قوتۇنىغا كىرىپ ،بىرتۇياق كۈل رەك كىچىك باقا قوي ۋە ئىككى  دانە كەپتەرنى ئوغۇرلىغان كىيىن ،ئوغۇرلىغان قوينى  باشقىلارغا 400.00(تۆ■ت يۈز )يۈەنگە سېتىۋەتكەن،ئوغۇرلىغان ئىككى دانە كەپتەرنى  باشقىلارغا  4xx يۈەنگە سېتىۋەتكەن .

(2)2020-يىلىxxئاينىڭ ئاخىرلىرى، ئەيىپلەنمىگۈچى مxx تاغىسى   ئاxxنىڭ قوتۇنىغا كىرىپ بىرتۇياق قارارەڭلىك قوينى ئوغۇرلىغاندىن كىيىن ،ئوغۇرلىغان قوينى  باشقىلارغا 600(ئالتە يۈز )يۈەنگە سېتىېۋتكەن.

(3)2020-يىلىxxئاينىڭ 5-كۈنى، ئەيىپلەنمىگۈچى مxxتاغىسى ئاxxنىڭ قوتۇنىغا كىرىپ، بىرتۇياق كۈل رەڭلىك چوڭ قوينى ئوغۇرلىغاندىن كىيىن، ئوغۇرلىغان قوينى باشقىلارغا8xx )يۈەنگە سېتىۋەتكەن .

      يۇقارقى پاكىتلارنى ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۈزى ،نەخ مەيدان تەكشۇرۇش خاتىرىسى،xxناھيىلىك مال باھا ئىدارسىنىڭ [2020]xx-نۇمۇرلۇق مال باھاسىنى باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

 xx ناھىيىلىك مال باھا ئىدارىسىنىڭ [2020]xxنۇمۇرلۇق باھالاش يەكۇنىدە مxx ئوغۇرلىغان قوي ۋە كەپتەرنىڭ باھاسىنى 2870يۈەن دەپ باھالىغان، تەھقىقلەش باسقۇچىدا ،ئەيىپلەنمىگۈچى مxx ( باھالاش يەكۈنى 1560يۈئەن ) لىك قوينى  زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇپ بەرگەن ، تەپتىش باسقۇچىدا  (باھالاش يەكۈنى 610 يۈئەن ،660يۈئەن ، 40 يۈئەن ) جەمىي xxxيۈئەن زىياننى زىيانلانغۇچىغا تۆلەپ بەرگەن ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن . 

        ئەيىپلەنمىگۈچى مxx  يۇقارقى پاكىتقا پىكىرى يوق جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ ھەمدە جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىلخەتنامە ئىمزالىدى.

ئەيىپلەنمىگۈچى مxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ-264 ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە تەدبىقلىغاندا ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بىراق ئەيىپلەنمىگۈچى زىياننى تۇلۇق قايتۇرغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان ، قىلمىشى يىنىك ،جىنايى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ،ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بىجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسدىكى ئىزاھاتىنىڭ 8- ماددىسىغا ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2- مەزمۇنىدىكى  بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەنمىگۈچى مxx  ئۈستىدە جىنايەتلىك ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى.

ئەگەر ئەيىپلەنمىگۈچى مەھكىمىمىزنىڭ مەزكۇر ئەيىپلىمەسلىك (جىنايەتلىك ) قارارنامىسىغا قايىل بولمىسا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ -181ماددىىسىدىكى بەلگىلمىسىگە ئاساسەن قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 7كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ .

     ئەگەر  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى  مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىمەسلىك (جىنايەتلىك  ) قارارنامىسىغا قايىل بولمىسا  مەزكۇر قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 7كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ . ياكى xxناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسا بولىدۇ .  

xx ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2021-يىلىxx-ئاينىڭ 19-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top