莎车县人民检察院
不起诉决定书
莎车县院二部刑不诉〔2020〕4号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020)4- نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئوX، ئەر، ئۇيغۇر، 19**–يىلى 7- ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65312519*********، تولۇقسىز ئوتتۇر مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دىلكا، يەكەن ناھيە X بازىرى X كەنتى **-مەھەللە **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئوXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئوX 2019– يىلى 2– ئاينىڭ 25– كۈنى سائەت 08 دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، مەسىت ھالەتتە 新Q***** نومۇرلۇق ئاق رەڭلىك «خوندا سىئارۋى» ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى، Xناھيە تەۋەسىدىكى ياغاچ زاۋۇتىدىن يەكەن ناھيە X بازىرىغا ھەيدەپ مېڭىپ، ئۆلكە يولى **-لىنىيە X يېزا تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتورلوق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ قېلىپ قاتناش ساقچى ئەتىرتگە دېلو مەلۇم قىلىنغان.
«شىنجاڭ جىنلۇ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ {2019}07**-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا « ئوXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 107.1 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئوX قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى؛2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛3. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) 07**-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ؛4. نەق مەيدان رەسىملىرى ؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئوXنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئوXنىڭ قىلمىشى يېنىك، زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىغا قايىل بولمىسا،قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 7كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论