ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-بۆلۈم ج ئە م ق (2020) 2 –نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى زۇ***، ئايال، ئويغۇر، 1967-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ ** ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6532011967، تولۇق كۇرس مەلۇماتلىق، جۇڭگو خەلق بانكىسى خوتەن ۋىلايەتلىك ***** خىزمەتچىسى. نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: خوتەن شەھىرى ** يولى **-نومۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نومۇردا. ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقلىغۇچىسى مەخمۇت مەمەتئېلى، شىنجاڭ نىشان ئادۇۋكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۇۋكاتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى زۇل****نىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 4–ئاينىڭ 7-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردۇق:
2019-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 19:30 لەر ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى زۇ** ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ** يولى ** سودا سارىيىنىڭ *-قەۋىتىدىكى زىبۇ زىننەت دۇكىنىدا، مال ساتقۇچى ياڭ **نىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، دۇكان ئىچىدىكى 3000.00 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە قۇلۇپ شەكىللىك زەنجىرلىك قاشتېشى بۇلاپكىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن، ئوغۇرلانغان زاڭ مال تۇتۇپ قېلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
ئەيىبلەنمىگۈچى زۇ** 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى خوتەن شەھەر **يولىدىكى ئۆيىدە، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى زۇ**نىڭ دۆلەت قانۇن-تۈزۈملىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلكىنى يوشۇرۇن ئوغۇرلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قىلمىشى يىنىك، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار بولۇپ، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن ئوغۇرلانغان زاڭ مال ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچىگە جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، زۇ**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، مەزكۇر قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
ئەگەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، مەزكۇر قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ ئەيىبلەشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26 -كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论