欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用)(阿卜杜热伊木·如则)(公开版)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ي  ت  ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 1 -نۇمۇرلۇق  

ئەيىبلەنمىگۈچى ئا ، XXئەر، **19–يىلى**- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **65010، ئۇيغۇر، ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** يىزا **- كەنىتنىڭ سابىق مۇدىرى، يەكەن ناھىيە ** يىزا ** كەنىتى **- مەھەللە ***-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا XXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن  ئەيىبلەنمىگۈچگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.

 تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:

ئەيىبلەنمىگۈچى ئا XX 2019– يىلى 3– ئاينىڭ 11– كۈنى سائەت 03 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، مەس ھالەتتە ** 新Q  نومۇرلۇق ئاق رەڭلىك «چاڭ ئەن» ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى، يەكەن ناھىيە ** يىزا **- كەنىتىدىن ھەيدەپ مىڭىپ، ** يىزىلىق ساقچىخاننىڭ ئالدىغا كەلگەندە، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىخانا ساقچلىرى تەرپىدىن بايقىلپ تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ «جىنلۇ» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى نىڭ {2019}****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «ئا XXنىڭ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 104.65 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئا XX بۇ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛

1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئىلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى ؛

2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

3. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

4. نەق مەيدان خاترىىسى ۋە رەسىملىرى. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا XXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133 – ماددا 1 – مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ . قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئا XXنىڭ قىلمىشى يىنىك، زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3 - تارماق، 133 - مادداىسىنىڭ 1 - مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177– ماددا 2 - تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئا XXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى. 

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى

2020- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top