莎车县人民检察院
不起诉决定书
莎车县院二部刑不诉〔2020〕2号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) - نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX، ئەر، 19**-يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 65312519*********، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، يەكەن ناھىيە X يىزا X كەنىتى **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX 2019– يىلى 2– ئاينىڭ 23– كۈنى سائەت 03 دىن 14 مىنۇتلار ئۆتكەندە، مەسىت ھالەتتە 新Q***** نومۇرلۇق كۈل رەڭلىك «كىيا» ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى، يەكەن ناھيە X يولى **-قارار ئائىلە قورونىڭ ئىچىدىن X بېكەتكە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، X يولى X ساقچىخانىسى ئالدىغا كەلگەندە، ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتورلوق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقىلىپ، قاتناش ساقچى ئەتىرتگە دېلو مەلۇم قىلىنغان.
«شىنجاڭ جىنلۇ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى»نىڭ {2019} 07**-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا « ئاXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 85.145 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى؛ 2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ 3. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ؛4. نەق مەيدان رەسىملىرى ؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXنىڭ قىلمىشى يېنىك، زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177– ماددا 2 - تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئاXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىغا قايىل بولمىسا،قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 7كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论