欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用)(阿某某)(公开版)_精河县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

精河县人民检察院

不起诉决定书

精检一部刑不诉〔2020〕9号

جىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ج ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەس خەتلىك (2020) 9- نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى: ئا***، ئەر، قازاق، 19**- يىل **- ئاينىڭ **- كۈنى جىڭ ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0717****65272219، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كەسپى : چارۋىچى، نوپۇس تۇرۇشلىق ئورۇن: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **- گۇرۇپپا 1- نومۇر، مەزكۇر كەنت ئەزاسى. 2020- يىل 4- ئاينىڭ 2- كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى قىلمىشى گۇمانى بىلەن جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. 2020- يىل 5- ئاينىڭ 8- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن داۋاملىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. كېپىلگە بېرىلىشتىن ئىلگىرى ** ناھىيە ** ئولتۇراق رايونى **- بىنا **- كورپۇس **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

ئەيىبلەنمىگۈچى جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 43- نومۇرلۇق «ئەيىبلەش پىكىرنامىسى» بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئا***نىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، مەھكىمىمىز 2020- يىل 5- ئاينىڭ 8- كۈنى دېلو توپلامىدىن بىرنى تاپشۇرۇۋالدى. جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شۇ كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدۇق ۋە ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدۇق؛ قانۇن بويىچە بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلو پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلارنى ئېنىقلىدۇق. ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق، تۆۋەندىكىچە دوكلات قىلىمىز؛

تەھقىقلىگۈچى ئورگان بېكىتكەن جىنايى پاكىت:

2020- يىل 3- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 19:05 ئۆتكەندە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا*** مەس ھالەتتە A5718- 新نومۇرلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ شىمالدىن- جەنۇپكە قاراپ مېڭىپ جىڭ ناھىيە غۇلجا يولى بىلەن دوسلۇق يولى ئۆتەشمە تۆت كوچا يول بۆلكىگە كەلگەندە، جىڭ ناھىيە ج خ ئىدارىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مايداندا قولغا چۈشكەن.

بۆرتالا ئوبلاستىق دەلىل- ئسپات باھالاش ئورنىنڭ (ب)ج (م)ب (خ)خەتلىك[2020]04-نومۇرلۇق ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش دوكلاتىدا ئا***نىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر قېنى تەركىبىدە 101.278 مىللىگرام ئىسپىرت بار دەپ يەكۈن چىقارغان.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئەيىبلەنمىگۈچى ئا***نىڭ قىلمىشى << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>> نىڭ 133-مادداسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىلگىرى سوتلۇق بولغان تارىخى يوق، جىنايىتىگە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىىشنى ئەينەن تاپشۇرۇپ، ئىختىيارىي جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى، ئەيىپلەنگەن تەقدىردىمۇ يېنىك جازا بېرىلىش ياكى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى يوقىرى، شۇڭا دىلو ئەھۋالىنى ئومۇمى جەھەتتىن كۆزدە تۇتۇپ مەزكۇر دىلودىكى ئەيىبلەنمىگۈچىگە بىر قېتىملىق خاتالىقىنى تونۇش پۇرسىتى بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قىلمىشىنى بىر قەدەر يېنىك جىنايى جازا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قاراپ، نىسپى ئەيىپلىمەسلىك قارارى چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇڭا مەھكىمىمىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقى، «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى»نىڭ 406-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەسئۇل رەھبەرنىڭ تەستىقى بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئا***نىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىزگە يازما ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.

جىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىى

2020- يىل 5-ئاينىڭ 12 –كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top