ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئى ر ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 5-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى مXX، ئەر،ئۇيغۇر، 1984-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان كىملىك نۇمۇرى: 6523251984********. شىنجاڭ ** ناھىيىسى ** بازىرى ** يېزىسى ** مەھەللىسى **-گۇرۇپپا **-نۇمۇر قوشۇمچە **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئامما، كەسپى: شوپۇر. بۇرۇن جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى مXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىنى قوللانسا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئەيىبلەنمىگۈچى بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلو پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېنىقلىدۇق،دىلونىڭ بېجىرىش سۈرۈكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق. ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق.
ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان پاكىت تۆۋەندىكىچە :
ئەيىبلەنمىگۈچى م XX 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1:10 لار ئەتراپىدا ھاراق ئىچىپ B2 تىپلىق پىراۋىسى بىلەن A***** 新نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ** يولىدا شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ ھەيدەپ، ** يولى بىلەن ** يولى كىسىشكەن كوچىغا كەلگەندە، يول ئايرىش رىشاتكىسىنى سوقىۋالغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ【2019】****-نۇمۇرلۇق ئىسپىرىت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دوكلاتىدا: « مXXنىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكاگولنىڭ مىقىدارى 88 مىللىگىرام» دىيىلگەن .
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى م XXنىڭ قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› 133-ماددىسى بىر مەزموننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرغان. قاندىكى ئىسپرت مىقتارىمۇ تۆۋن، ئېغىر ئاقىۋەت سادىر قىلمىغان. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايى قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايىتىنى ئېتراپ قىلىدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تۆۋىنامە ئىمزالىغان. شۇڭا، ئەيىبلەنمىگۈچىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› نىڭ 177-ماددىسى 2-تارمىقىغا ئاساسەن، قىلمىشى يېنىك، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان دەپ قاراپ، نىسپىي ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقاردۇق.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.
زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىلتىماس ئەرز قىلماي، ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论