欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(艾某某、王某某非法占用农用地案)(艾尼玩·马木提)(公开版)

2021-09-19 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

شايار ت ئەيىبلىمەسلىك چ (2020)    -نۇمۇرلۇق    

ئە XX، ئەر، XX19-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 17XXX XXXXX65292419 ، ئۇيغۇر، دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، شايار ناھىيە XX يېزىسى  XX كەنت 2-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. يېزا-ئېگىلىك يىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇيۇپ بىرىلىپ، شۇ كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX، ۋاڭ XXنىڭ (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى) يېزا ئىگىلىك يىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 363-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX، ۋاڭXX (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى) 2013-يىلى 4-ئايدىن 2013-يىلى 12-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ تەستىقلىتىش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي، شايار ناھىيە XXيېزىسىدىكى XX دىگەن جايدا جەمئى 5993 مو كۆلەمدىكى يەرنى قانۇنسىز ئېچىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك ئىھاتە ئورمان يېرى 2785.91 مو، ئورمانغا باپ يەر 3207.09 مو بۇلۇپ، دۆلەتكە 9846871 يۈەن ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرگەن.

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 342-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، لىكىن دېلو تەكشۈرۈپ ئەيىبلىنىش باسقۇچىدا ئەXX كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، « جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 16-ماددا 5-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXXنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولمايدۇ دەپ قاراپ، « جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top