温宿县人民检察院
不起诉决定书
温宿县检一部刑不诉〔2020〕40号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئو ت ئەيىبلىمەسلىك ( 2020 ) 40-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئېXX،ئەر،ئۇيغۇر،xx-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى توغۇلغان،كىملىك نومۇرى : ،65292219 XXXXXXXXXXساۋاتسىز،كەسپى ئىشلەمچى،XXشەھىرى XXيېزا XXكەنىت XX-رايۇن XX-بىنا XX-ئىشىك 102-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرشلۇق،ئىلگىرى جازالانمغان2020-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىكە بىرىلگەن.
ئەيىبلەنمىگۈچى نۇXX،ئايال،ئۇيغۇر،19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى توغۇلغان،كىملىك نومۇرى:65290119 XXXXXXXXXX،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيسىگە ئىگە، XX شەھىرىXX يېزاXX كەنىت XX-رايۇن XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرشلۇق ،ئىلگىرى جازالانمغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇنسۇ ناھىيىلىك خ ※خ ئىدارسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلنغىچە كىپىللىكە بىرىلىگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئېXX،نۇXXنىڭ يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش جىنايتى بىلەن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىىچە سوراق قىلدۇق؛ ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلەتاۋاباتىغا دەۋادىكى ھوقوق-مەجبۇريىتىنى ئوقتۇردۇق، بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى،جىنايەت گۇماندارى ئېXX،نۇXX XXشەھىرى XXيۇلدىكى گۈل قۇش بازىرىدا پەXXىنىىڭ (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلنغان) قۇش دۇكىندىن بىر جۈپ فشىر مۇدەنگۈل تۇتى قۇشىنىڭ 85 يۈەندىن سېتىۋالغاندىن كىيىن،جىنايەت گۇماندارى ئېXX،نۇXX2020-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ بىر جۈپ فىشىر مۇدەنگۈل تۇتى قۇشىنى XXناھىيە تXXئايلانماسىدىكى بازىردا 150 يۈەندىن (قۇش قەپزى بىلەن قۇشۇپ) ساتىمەن دەپ تۇرغاندا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشكەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: ئەيىبلەنمىگۈچى ئېXX،نۇXXنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز ھالدا دۆلەت تەرپىدىن قوغدىلدىغان قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنى ئېلىپ-ساتقان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 341-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ بولۇپ ئەتىۋارلىق،توقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ئېXXنۇXXنىڭ جىنايى قىلمىشى يىنىك، جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، جەمئىيەتكە ئېلىپ كىلدىغان ئىجتمائىى خەۋپى ئېغىر ئەمەس شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ67-ماددا3-تارماق، 37-ماددا بەلگىلمىسى بويىچە جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا، 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلمىسىگە ئاساسەن ئېXX،نۇXXنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئېXX،نۇXX بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، مۇشۇ قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论