欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(艾某某开设赌场案)

2021-09-19 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى

xx شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلىمەسلىك قارارنامسى

xx ش ت ئەيىپلىمەسلىك چىقىش (2020) -نۇمۇرلۇق

ئەيىپلەنمىگۈچى ئەxx ، لەقىمى : ناۋاي ، ئەر، ئۇيغۇر ، 51ياش ،كىملىك نۇمۇرى :xxxxxxxx6529011967، كىپىلگە بېرىلىشتىن ئىلگىرى:xxئولتۇراق رايۇنى XX-بىناXXكورپۇسXX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە ،نىكاھلانغان ، ئىلگىرى جازالانمىغان ، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى قىمارخانا ئېچىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن .

xx شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2019)277-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكارلارغا ھۇقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بويىچە سۇئال سورىغاندىن كېيىن دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ئەمەس،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس دەپ قاراپ قانۇن بۇيىچە 2قېتىم xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى ،xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزگە يوللىدى .

xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى : جىنايەت گۇماندارى ئە xx 2016-يىلى 7-ئايدا 10 مىڭ يۈەن قىمار دەسمايىسى تارقىتىپ چوتار يىغىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 3000 يۈەن قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن .

.دەپ پاكىت بېكىتىپ مەھكىمىمزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش جەريانىدا 2قېتىم xxشەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرغان بولسىمۇ ،ج خ ئىدارىسى بېكىتكەن جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق ئەمەس،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس.ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxxنىڭ قىلمىشى ئەيىبلەش شەرتىگە ئويغۇن ئەمەس.شۇڭا مەھكىمىمىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 175-ماددا 4-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە ئەxxنى گۇماننى ساقلاپ ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى .

ئەيىپلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس بەرسە بولىدۇ، زىيانلانغۇچى تەرەپ قايىل بولمىسا 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى xx شۆبىسىگە ئىلتىماس قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئىلتىماس قىلماي xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز بەرسىمۇ بولىدۇ.

xx شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىى

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top