欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(艾某某涉嫌交通肇事案)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ت ج ئەيىبلىمەسلىك (2020)5– نۇمۇرلۇق

   ئەيىپلەنمىگۈچى ئې**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0757********652925،  تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دېھقان، ت** ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە پ** يېزا ق** كەنت **-گوروپ 040-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 09-ئاينىڭ  25-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسسى جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىگە كېپىلگە بىرىلگەن.

ئې**نىڭ  قاتناش ھادىسسى جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 9- كۈنى (2020)40-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى ، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى .

مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.

ئې** 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 20 دىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا،新M46413 نومۇرلۇق ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ،  ھادىسە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىدە جەنۇپتىن شىمالغا يۆلىنىش بويىچە يول يۈرۈپ، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن: شەھەر تاشقى ئايلانما جەنۇبى يولى بىلەن توقسۇ شايار يولى كىسىشكەن  تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە، شەھەر تاشقى ئايلانما يولىغا كىرىش ئۈچۈن شەرق تەرەپكە بۇرۇلغان، بۇ ۋاقىتتا ئوخشاش يۆلىنىشتە كېتىۋاتقان ئا**ئارقىسىغا ھ**نى ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدىگەن نومۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇلۇپ، ئا** يارلانغان، ھې** قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 2419- نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدا : 1. 新M46413 نومۇرلۇق ئاپتۇمبىل گەۋدىسى ئالدى ئوڭ تەرەپ بىلەن نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق توكلۇق موتوسىكىلىتنىڭ ئارقا تەرىپى ئۆز- ئارا سۇقۇلغان . 2. 新M46413 نومۇرلۇق ئاپتۇمبىل بىلەن نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنىڭ سۇقۇلۇش نوقتىسى شەرىقتىن غەرىپكە يۈنىلىشىدىكى ئورنى نەق مەيداننىڭ جەنۇپ شىمال يۈنىلىشىدىكى يولنىڭ مەركىزى قوش سېرىق سىزىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8.5 مىتىر ، جەنۇپ – شىمال يۈنىلىشىدىكى ئورنى نەق مەيداننىڭ يول يۈزى  نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىنتىڭ يەرگە يېقىلغاندىكى ئىزىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ئەتراپىغا جايلاشقان . 3. 新M46413 نومۇرلۇق ئاپتۇمبىلنىڭ ھادىسە سادىر قىلغاندىكى تىزلىكى 17 كىلومىتىر ھەر سائەت . 4. نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ ھادىسە سادىر قىلغاندىكى تىزلىكى 14 كىلومىتىر ھەر سائەت دەپ باھالىغان .

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش  مەركىزىنىڭ (2019) 6240- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى باھالاشنامىسىدا : ئې**نىڭ قېنىدا ئىسپىرىت مىقدارى يوق دەپ باھالىغان .

 شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش  مەركىزىنىڭ (2019) 6238- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى باھالاشنامىسىدا :  ئاب**نىڭ قېنىدا ئىسپىرىت مىقدارى يوق دەپ باھالىغان .

 شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش  مەركىزىنىڭ (2019) 6239- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى باھالاشنامىسىدا : ھ**نىڭ قېنىدا ئىسپىرىت مىقدارى يوق دەپ باھالىغان . 

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ (2019)43- نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدا : ئۆلگۈچى ھ**نىڭ ئاستىنقى قورساق قىسىمى ئەتراپى بىسسىز سىرتقى كۇچ (بېسىلغاندىكى سىرتقى كۇچ)نىڭ تەسىرىدە ئاستى قورساق قىسىمى  تۇقۇلمىللىرى زەخمىلەنگەن ، يىرتىلغان، داس سۆڭىكى كۆپ ئۇرۇندىن، ئۇۋۇلۇش خارەكتىرلىك سۇنۇپ ، زەخمىلىنىش خارەكتىرلىك شۈك بۇلۇپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان .

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ 6529251908600- نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسىدا؛ ئې** بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىسدە ئاساسلىق مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، ئا** قۇشۇمچە مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، ئۆلگۈچى ھ**نىڭ مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقى يوق دەپ بېكىتكەن .          

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش پىكرى، ئۈن-سىن ماتىريالى، ئېزىز قۇۋاشنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. 

يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ . 

مەھكىممىز ئې**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش بەلگىلىمىللىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ ، بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شۇنداقلا ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى جىنايىتى شەكىللىندۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-67-ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك ، ئەمما ئې**نىڭ قىلمىشى كۈرۈنەرلىك يىنىك ، تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان ، قىلمىشىغا ھەقىقى توۋا قىلىپ جىنايىتىنى ئەينەن تاپشۇرغان ، دىلونىڭ ھەق- تەلەپ قىسىمىدا ئۆلگۈچى تەرەپ ئائىلىسى بىلەن كىلىشىپ كىلشىم ئىجرا قىلنىپ تۈگىشىپ، ئۆلگۈچىنىڭ تۇققانلىرى ئې** ئۈستىدىن ھەق–تەلەپ دەۋاسى قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇنى كەچۈرگەنلىكىنى ، ئۇنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان . ج خ ئىدارىسىمۇ ئەيىپلەنمىگۈچى ئې**نى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى 290-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،  ئېزىز قۇۋاشنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى .

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ .

زىيانلانغۇچىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .

ئەيىبلەنمىگۈچى ئې** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .

توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top