欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(艾某某涉嫌危险驾驶一案)

2021-09-22 尘埃 评论0

机密★1年

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                                           ك ش ت ج ئەيىپلىمەسلىك ( 2020) 28 -نۇمۇرلۇق

ئەيىپلەنمىگۈچ ئېXX، ئەر، 1982-يىل XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6528011982، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئېگە، مۇقىم كەسپى يوق، سىياسى قىياپىتى: ئامما، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇقى ئورنى: شنجاڭ كورلا شەھەرXX ئىش بىجىرىش باشقارمىسىXX شىمالى يۇلى XX-نۇمۇر XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

   مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئېXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلوسىنى 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق. ھەمدە قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىگە جىنايىتىنى تۇنوپ، جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋېتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.

   قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جىنايەت گۇماندارى ئېXX 2019-يىلى 05-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 19 :00 مىنۇتلار ئوتكەندە، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新MXXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ، كورلا شەھەر XX-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاش يۇلىدا شەرىقتىن-غەرىپكە قاراپ يول يۈرۈپ، XX باغچىسى ماشنا توختۇتۇش مەيدانىغا كەلگەندە، قاتناش ساقچىللىرى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارى ئىXXنى ماشنا توختۇتۇش مەيدانىدىن تۇتقان.

   شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2019) 3495-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا، جىنايەت گۇماندارى ئېXXنىڭ قېنىنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىردا 108 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ يەكۈن  چىقارغان.

   ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش يەكۈنى ۋە  ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

  يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. ئەيىپلەنمىگۈچى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولدى.

   مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ:  ئەيىپلەنمىگۈچى ئېXX يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇن 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكلىللىنىدۇ، ئەيىپلەنمىگۈچى تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايتىنى تۇنۇش پوزۇتسىيىسى ياخشى، جەمىيەتكە خەۋىپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى تۆۋەن، قىلىمىشى يىنىك، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيتى يوق. شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئىXXنى نىسپىي ئەيىپلىمەسلىككە تەكلىپىنى بىرىمىز.  ئەگەر ئەيىپلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز سۇنسا بولىدۇ. 

                            

                            كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى  

                                    2020-يىلى -9ئاينىڭ 28-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top