欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(芒某某危险驾驶案)

2021-09-24 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك  قارارنامىسى

ك ت ئەيىبلىمەسلىك  〔2020〕29- نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى مx ، ئەر ، ئويغۇر ،**19 -يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : **********  65292519، تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە  ، كەسپى : دېھقان ، يۇرتى : شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسى ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى : ** ناھىيە ** بازار ** كەنىت **-گوروپ **-نۇمۇر . ئىلگىرى جازالانمىغان .

خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى06-ئاينىڭ 07-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە كاپالەتچىدە.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕95-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى مxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 09-ئاينىڭ 20-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جىنايەت گۇماندارىغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. گۇماندارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاركىتلارنى بېكىتىپ چىقتۇق:  

ئەيىبلەنمىگۈچى مx 2020-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنى سائەت22:00لەر ئەتراپىدا ئاغىنىسى ياx ، مx قاتارلىق ئۈچۈيلەن مxنىڭ ئۆيىدە ھاراق ئىچىپ ، 06-ئاينىڭ 01-كۈنى سائەت 01:30 ئەتراپدا ، مx كۇچا شەھەر **غا بازىرىغا بېرىش ئۈچۈن ، ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ كىلىپ مxنىڭ ئىشىكى ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ 新N****A نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ مېڭىپ كۇچا شەھەر **غا بازىرىغا كىرىشتىكى تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان .

 شىنجاڭ قاتناش پەن تەتقىقات ئورنى ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزى مxنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان ئىسپىرتنىڭ مىقدارى 108 mg/100mlچىققان دەپ باھالاپ بېكىتكەن. 

دىمەك ئەيىپلەنمىگۈچى مxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىلىلىنىدۇ ، بىراق مxنىڭ تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ، قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىقى ، قىلمىشىغا قارىتا تۆۋە قىلىش پوزىتسىيسىدە بولغانلىقىغا ئاساسەن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 175-ماددا 2-تارماقدىكى بەلگىلىمە بويىچە مxنى نىسپى ئەيىبلىمەسلىك بويىچە بىر تەرەپ قىلدۇق .

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ. 

زىيانلانغۇچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز  سۇنسا بولىدۇ . 

ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە مەمۇرى جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . 

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىسى          

   2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top