شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
شايار ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 15-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى سxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx19 -يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : xxxxxxxxxx65292419 ، شايار ناھىيەx ئورمان مۇھاپىزەت پونكىتىنىڭ تەكلىپلىك خىزمەتچىسى، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، شايار ناھىيە x بازىرى x كەنت x كوچىسى x-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى سxنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12–ئاينىڭ 23-كۈنى ش ج خ چىقىش (2018) 289-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى سx 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:45لەر ئەتراپىدا، شايار ناھىيە x بازىرى x كەنتىدىن شايار بازىرىغا بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ 新N xxxxx نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنىڭ كەينىگە ئاتىسى نxنى مىنگەشتۈرۈپ، موتسىكىلىتنى ئەيىبلەنمىگۈچى سx ئۆزى ھەيدەپ، x بازىرى x كەنت x-گۇرۇپپا تەۋەسىدىكى يول بۆلىكىدە غەرپتىن-شەرققە قاراپ كېتىۋېتىپ، x-گورۇپپا تەۋەسىدىكى ئىxنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى «+» شەكىللىك كىسىشمە يول ئېغىزىغا كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە خx شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ كېتىۋاتقان ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇشۇپ كېتىپ، قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگۈچى ۋە قاتناش ۋاستىسىدا ئولتۇرغۇچى ئادەملەر يەرگە يىقىلىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان، ئىككى قاتناش ۋاستىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى سx نەق مەيداندىن ئايرىلماي ساقچىلارنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان. بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىسىدە نxنىڭ باش قىسىمى زەخمىلىنىپ، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈپ كەتكەن. ئەيىبلەنمىگۈچى سx ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان.
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى سx « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن جىنايى قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يىنىك، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، ئۆلگۈچى بىلەن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن سxنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى تەرەپ مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ياكى بىۋاستە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ .
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论