شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك چىقىش(2020) 13–نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى م******، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى **********65292619، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: * ناھىيە ** يېزا ** كەنىت *-گۇرۇپ **-نۇمۇر، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلىشتىن ئىلگىرى باي ناھىيە ** بازىرى ** ئولتۇراق رايۇنى *-بىنا *-كۇرپۇس **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.
باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى (2020) 42-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۋېلىپ، ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى، زىيانلانغۇچى ئائىلىسدىكلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سوئال سوراپ، نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدى، زىيانلانغۇچى ئائىلىسدىكلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 2020 -يىلى *–ئاينىڭ **-كۈنى كەچتە، ئەيىبلەنمىگۈچى م****** ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىغىدىكى *****新N نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇمبىلىغا ئايالى ز*****، قىزى ز*****، ئوغلى م*****نى ئولتۇرغۇزۇپ، ئاپتۇمبىلنى باي ناھىيە ** يولى ** كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىنى بويلاپ شەرىقتىن-غەرىپكە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ 200مىترلىق ئورۇنغا كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە م****** شەرىقتىن–غەرىپكە قاراپ ھەيدەپ كىتۋاتقان ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى سوقۇپ قويغان، نەتىجىدە م***** قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كىتىش ۋە *****新N نۇمۇرلۇق كىچك تىپتىكى ئاپتۇمبىل بىلەن ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنىڭ بۇزۇلۇشدەك يول قاتناش ھادىسىسى سادىر بولغان. دىلو سادىر بولغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى م***** تىلىفۇن ئارقىلىق دىلو مەلۇم قىلغان.
باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى« م*****‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى› نىڭ 42-ماددا 1-تارماق، 47-ماددا 2-تارماقتىكى بەلگىلىملىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ›؛ م*****‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى› نىڭ 62-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ قوشۇمچە مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقارغان.
باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپاتنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ (2020) 11-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدا« ئۆلۈپ كەتكۈچى م***** قاتناش ھادىسسى سەۋەبىدىن باش سۆڭەكنىڭ ئوڭ تەرەپ چىكە سۆڭىكى سۇنۇپ، باش سۆڭىكى قاناپ، مىڭە ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلگەن.» دەپ يەكۈن چىقارغان.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بۇيۇملارنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى « ① م*****نىڭ قان سۇيۇقلىقىدا ئالكوگول تەركىبى بايقالمىدى.② م*****نىڭ قان سۇيۇقلىقىدا ئالكوگول تەركىبى بايقالمىدى. ③*****新N نۇمۇرلۇق ئاپتومبىلنىڭ ئالدى ئوڭ تەرەپ قىسمى بىلەن لۈ جىياۋ ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنىڭ قۇيرۇق قىسمى سۇقۇلۇپ ئۇچراشقان. ④ لۈ جىياۋ ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكىلتنىڭ سۇقۇلۇپ ئۇچراشقان ۋاقىتتا توكسكىلتنىڭ باش قىسمى غەرىپ قۇيرۇق قىسمى شەرىق ھالەتتە. ⑤*****新N نۇمۇرلۇق ئاپتومبىلنىڭ سۇقۇلۇپ ئۇچراشقان ۋاقىتتىكى يۈرۈش سۈرئىتى 76 كىلومىتىر ھەرسائەت. ⑥ لۈ جىياۋ ماركىلىق ئىككى چاقىلىق توكسىكلىت ھادىسە يۈز بەرگەندە نورمال يول يۈرۋاتقان ھالەتتە.⑦ *****新N نۇمۇرلۇق ئاپتومبىل بىلەن لۈجىياۋ ماركىلق ئىككى چاقلىق توكسىكىلتنىڭ سوقۇلۇپ ئۇچراشقان ئورنى نەق مەيدان يولنىڭ شىمالى يان سىزىقنىڭ جەنۇبىغا 1.7 مىتىر ،بوي يۆنىلىشتە بولسا نەق مەيدان سۈرۈلگەن ئىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسنىڭ يېقىن ئەتراپىدا. ⑧ لۈجىياۋ ماركىلق ئىككى چاقلىق توكسىكىلتنىڭ ئارقا چىرىغى ھادىسە سادىر بولغاندا نورمال خىزمەت قىلۋاتقان ھالەتتە. 9. لۈ جىياۋ ماركىلق توكسىكىلت ھادىسە سادىر بولغاندا نورمال يول يۈرۋاتقان ھالەتتە. » دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى، كۆرۈش-ئاڭلاش ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىممىز، ئەيىبلەنمىگۈچى م*****نىڭ قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، بېكىتىشكە بولىدۇ، قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك ئىدى، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى م***** ھادىسە سادىر قىلغاندىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، قۇتقۇزۇش تەرەپدارى بولغان، زىيانلانغۇچى ئائىلسىدىكىلەر بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ، زىيانلانغۇچى ئائىلىسدىكلەرنىڭ ھەق تەلەپ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرۇپ، زىيانلانغۇچى ئائىلىسدىكلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قلىدۇ، جەمئىيەتكە قايتا خەۋىپ ئېلىپ كىلىش ئىھتىماللىقى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەمەت ياسىننى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 181-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى ئائىلسدىكىلەر مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 180-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا ياكى بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە ئەيىبلەنمىگۈچى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا، ج خ ئىدارىسىغا، زىيانلانغۇچى ئائىلسدىكىلەرگە بىر نۇسخىدىن يەتكۈزۈلىدۇ.
2. ئەيىبلەنمىگۈچى ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论