شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 11- نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئىX، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65312519**********، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دىھقان، يەكەن ناھىيە ** يىزا ** كەنتى **-مەھەللە **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە دىجۇرنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئىX 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 13 لەر ئەتراپىدا، يەكەن ناھىيە ** يىزا ** كەنتى **-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق تXنىڭ ئۆيىدە، تX، مX، مەX قاتارلىقلار بىلەن بىللە 500 گىراملىق ئىككى بوتۇلكا نىيۇلەنشەن ماركىلىق ئاق ھاراقنى ئىچكەندىن كىيىن، 16 لەر ئەتراپىدا ئۆيىگە قايتىپ ئۇخلىغان. 2019–يىلى 6–ئاينىڭ 6–كۈنى كىچە سائەت 0 ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىX مەسىت ھالەتتە 新Q***** نومۇرلۇق قىزىل رەڭلىك خوندا ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى ھەيدەپ ** يىزا ئالدىغا كەلگەندە، خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ موتسىكلىت ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش چوڭ ئەترىتىگە دىلو مەلۇم قىلىنغان. ئەيىبلەنمىگۈچىنى يەكەن ناھىيە تەڭرى بۇلاق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغاندىن كىيىن قاتناش چوڭ ئەترىتىگە ئىلىپ كىلىنىپ كىپىلگە بىرىلگەن .
«شىنجاڭ جىنلۇ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ {2019}****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا «ئىXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 96.02 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئىX قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى، تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىكى؛ 2.گۇۋاھچى تXنىڭ گۇۋاھلىقى؛ 3. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛4. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسى؛ 5. نەق مەيدان خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىXنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئىXنىڭ قىلمىشى يېنىك، قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى96.02mg/100ml ، ئىغىر زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئىXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论