欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(依拉木江·依明尼牙则)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

机密★1年

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 ي  ت  ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020)  32-نۇمۇرلۇق

      ئەيىبلەنمىگۈچى ئىX، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 612519**********، ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، يەكەن ناھىيە ** بازىرى ** يولى **-قورو **-بىنا **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن  2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىپلەنمىگۈچى ۋە دىجۇرنى ئادوۋكاتىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.

 تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:

ئەيىبلەنمىگۈچى ئىX 2019–يىلى 4–ئاينىڭ 28–كۈنى سائەت 22 لەر ئەتراپىدا، يەكەن ناھىيە ** ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدىكى كەچلىك بازاردا ئۆزى يالغۇز لې باۋ ماركىلىق پىۋىدىن ئىككى بوتۇلكا ئىچكەن. 4-ئاينىڭ 29-كۈنى كىچە سائەت 00 دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىX مەسىت ھالەتتە جىنخەي ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدىكى كەچلىك بازارنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويغان 新Q***** نۇمۇرلۇق ئاق رەڭلىك سانتانا ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسنى ھەيدەپ مىڭىپ، ** دوقىسىدىكى قىزىل چىراغقا يىقىنلاشقاندا، ماشىنىنىڭ ئوڭ تەرەپ كەينىنى كۆرۈش ئەينىكى پىيادە كىتىۋاتقان يولۇچى لۇXنىڭ بىلىكى بىلەن سۈركىلىپ كەتكەن. ئەيىبلەنمىگۈچى ئىX ماشىنىنى داۋاملىق ھەيدەپ نەخ مەيداندىن كىتىپ قالغان. لۇX يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى گۈلباغ ساقچىخانىسىغا بىرىپ دىلو مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، ساقچىلار ئەيىبلەنمىگۈچى ئىXنى ساقچىخانىغا چاقىرىپ ئاپىرىپ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئەيىبلەنمىگۈچى ئىXنىڭ تېنىدىن كۈچلۈك ھاراق پۇرىقىنى پۇراپ يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە دىلو مەلۇم قىلغان. 

«شىنجاڭ جىنلۇ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ [2019]****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا «ئىXنىڭ قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 84.995 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئىX قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىنىڭ نەتىجىسىگە قايىل بولغان. 

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛

1. يازما ئىسپات: ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، دىلو قوبۇل قىلىش جەدىۋىلى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى گۈلباغ ساقچىخانىسىنىڭ ئىسپاتى، تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىكى؛ 2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ 3. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛ 4. نەق مەيدان رەسىملىرى.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىXنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئىXنىڭ قىلمىشى يېنىك، ئىغىر زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئىXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى

2020- يىلى 5-ئاينىڭ 14- كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top