欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(克某某盗窃案)(公开版)

2021-09-24 独角龙 评论0

机密★1年

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 

                       ئۇ ن ت ئەيىبلىمەسلىك (2020)   15-نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ق xx ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن،  ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، ساۋاتسىز، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ق xxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

ئەيىبلەنمىگۈچى قx 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 16:00 ئەتراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە xبازىرىدىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىپ قايتماقچى بولۇپ ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىگە كەلگەن ۋە بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغان زىيانلانغۇچى ر xنىڭ يانچۇقىدىن چىقىپ قالغان پورتىمالىنى ئۇنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ  ئوغرىلىۋالغان ھەم  ئىچىدىكى 5041 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، پورتىمالنى كارتا قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن  تاشلىۋەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلدى.

 

ئەيىبلەنمىگۈچى ق xx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

دېلونىڭ پاكىت ئوچۇق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى ق xxنىڭ باشقىلارنىڭ مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى ئوغرىلىغان پۇلنىڭ سوممىسى بىر قەدەر تۆۋەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىياننى تولۇق قايتۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان، قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يىنىك، ئاقىۋىتى ئېغىر ئەمەس، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددسىدىكى بەلگۈلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا«جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى. 

 قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان تەرەپ  قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ.  

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top