欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(图某某交通肇事案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

机密★1年

乌什县人民检察院 

不起诉决定书

乌什检一部刑不诉〔2021〕1号 

ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 

                       ئۇ ت جىنايى ئىشلار ئەيىبلىمەسلىك (2021) 1 -نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ت x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ت xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

ئەيىبلەنمىگۈچى ت x 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 18:00 ئەتراپىدا،新xنۇمۇرلۇق ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنى ئۈچتۇرپان ناھىيە x-نومۇرلۇق يېزا يولىدا شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ، ماشىنىنى بەلگىلەنگەن سۈرەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ مېڭىپ، xبازىرى يېزا xxكوپىراتىپ بانكىسى ئالدىغا كەلگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م x (x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان) يولنى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتۈپ يۈگىرەپ ماڭغاندا، ماشىنىنى توختۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمەي سۇقىۋەتكەن، نەتىجىدە م x نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن. 

ئەدلىيەلىك باھالاش پىكرىدە، ماشىنىنىڭ يول يۈزى بىلەن ئىز قالدۇرغان چاغدىكى سۈرىتى سائىتىگە 47 كىلومىتىر، دەپ بىكىتكەن. 

قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە زەخمە دەرىجىسى باھالاش يەكۈنىدە، باھالانغۇچى م x قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن چوققا مىڭىسى يېرىلىپ، ئىچكى ئەزالىرى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ بىكىتكەن. 

يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا، ت x ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، م x قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن. 

ھادىسىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىشكەن، ئەيىبلەنمىگۈچى ت x زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م xنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ھەق تەلەپ تۆلىمى ئۈچۈن 260 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىپ، ئەپۇ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.  

ئەيىبلەنمىگۈچى ت x يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

بۇ ھەقتە پاكىت ئوچۇق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى ت xنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپ ھالدا ماشىنا ھەيدەپ، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. يۇقىرىقى ھادىسىدە ئەيىبلەنمىگۈچى ت x ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، زىيانلانغۇچى تەرەپنىڭ ئائىلە تاۋاباتى بىلەن كېلىشىپ، ئەپۇ قىلىشنى قولغا كەلتۈرگەن، جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، ماشىنا ھەيدەش پىراۋىسى بار، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددسىغا ئاساسەن جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى. 

 تەرەپلەر بۇ قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ.  

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top