شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 15-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى زو XX، ئايال، **19–يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **65312519، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكىتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: يەكەن ناھىيە ** كوچا باشقارمىسى ** كەنىتى **- مەھەللە **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى يەكەن ناھىيە ** بازىرى ** ئىجتىمائى رايۇن *- مەھەللە **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى زو XXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونى 2020-يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى تولۇقلاپ قايتۇرۇشقا بىر قىتىم قايتۇردۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى زو XX 2019– يىلى 3– ئاينىڭ 13– كۈنى سائەت 03دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە، مەس ھالەتتە** 新Q نومۇرلۇق قارا قىزىل رەڭلىك «**» ماركىلىق ئىككى چاقلىق ئايالچە موتوسكىلىتىنى، ** يىزسدىكى ئۆيگە قايىتىش ئۈچۈن يەكەن ناھىيە ** يەسلى ئالدىدىن ھەيدەپ مىڭىپ يەكەن **** ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلۋاتقان خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدىكى ساقىچلار تەرپىدىن بايقىلپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ «جىنلۇ» ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى نىڭ {2019}****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «زو XXنىڭ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 111.3 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى زو XX بۇ قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئىلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى ؛
2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
3.گۇۋھىچلارنىڭ گۇۋاھلىق ئىسپاتى؛
4. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) ****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
5. نەق مەيدان خاترىىسى ۋە رەسىملىرى.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى زو XXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133 – ماددا 1 – مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ . قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى زو XXنىڭ قىلمىشى يىنىك، زىيانلىق ئاقىۋىتى ئىغىر ئەمەس، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، جىنايى جازا بىرشىنىڭ زۆرۇريىتى يوق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3 - تارماق، 133 - مادداىسىنىڭ 1 - مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177– ماددا 2 - تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن زو XXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论