精河县人民检察院
不起诉决定书
精检一部刑不诉〔2020〕28号
جىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ج ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەس خەتلىك (2020)28- نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى: قۇ**، ئەر، ئۇيغۇر، **19- يىل **- ئاينىڭ **- كۈنى جىڭ ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0232****65272219، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، كەسپى: دېھقان، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: جىڭ ناھىيە ** بازىرى ** يول شىمالىي **-نومۇر. 2020- يىل 10- ئاينىڭ 9- كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى گۇمانى بىلەن جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. 2020- يىل 11- ئاينىڭ 3- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن. كېپىلگە بېرىلىشتىن ئىلگىرى جىڭ ناھىيە داخىيەنزى بازىرى شىمالي كوپقاچا كەنت 302- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 138- نومۇرلۇق «ئەيىبلەش پىكىرنامىسى» بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، مەھكىمىمىز 2020- يىل 11- ئاينىڭ 3- كۈنى دېلو توپلامىدىن بىرنى تاپشۇرۇۋالدى. جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شۇ كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدۇق ۋە ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدۇق؛ قانۇن بويىچە بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلو پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلارنى ئېنىقلىدۇق. ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق، تۆۋەندىكىچە دوكلات قىلىمىز؛
2020- يىل 10- ئاينىڭ 5- كۈنى سائەت 22:56 ئۆتكەندە، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ** مەس ھالەتتە ****-新E نومۇرلۇق ئىككى چاقىلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ غەرپتىن-شەرققە قاراپ ھەيدەپ جىڭ ناھىيە **بازىرى **
تۆت كوچا يول بۆلىكىگە كەلگەندە، جىڭ ناھىيە ج خ ئىدارىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مايداندا قولغا چۈشكەن.
بۆرتالا ئوبلاستىق دەلىل- ئسپات باھالاش ئورنىنڭ (ب)ج (م)ب (خ)خەتلىك[2020]462-نومۇرلۇق ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش دوكلاتىدا قۇ**نىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر قېنى تەركىبىدە 85.872 مىللىگرام ئىسپىرت بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ**نىڭ قىلمىشى << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>> نىڭ 133-مادداسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ**نىڭ ئىلگىرى سوتلۇق بولغان تارىخى يوق، جىنايىتىگە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىىشنى ئەينەن تاپشۇرۇپ، ئىختىيارىي ئاساستا جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى، ئەيىپلەنگەن تەقدىردىمۇ يېنىك جازا بېرىلىش ياكى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى يوقىرى، شۇڭا دىلو ئەھۋالىنى ئومۇمى جەھەتتىن كۆزدە تۇتۇپ مەزكۇر دىلودىكى ئەيىبلەنمىگۈچىگە بىر قېتىملىق خاتالىقىنى تونۇش پۇرسىتى بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قىلمىشىنى بىر قەدەر يېنىك جىنايى جازا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا مەھكىمىمىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177- ماددا 2- تارمىقى، «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى» نىڭ 406- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەسئۇل رەھبەرنىڭ تەستىقى بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ**نى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىزگە يازما ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
جىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىى
2020- يىل 11-ئاينىڭ 5–كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论