شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھىرى
قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ق ر ت ج ئەيىبلىمەسلىك [2020] 4-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى *****، ئەر ، ئۇيغۇر ، **19–يىلى *–ئاينىڭ *–كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى **********65020319 ، ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتلىق ، **** خىزمەتچىسى ، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى ** مەھەللىسى *-بىنا *-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق . 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى مەزكۇر ئىدارە قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
مەزكۇر دېلونى قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئەيىبلەنمىگۈچى *****نى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ ، پۈتۈن دېلو ماتىرىيالى بىلەن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان . مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى ، زەخمىلەنگۈچىنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ ، ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ ، دېلونى بىر قېتىم ج خ ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرۇپ ، بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : ئەيىبلەنمىگۈچى ***** ، *** ، *** 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەر سائەت 2 لەردە، قاراماي شەھىرى **مېھمانخانىسىنىڭ **-ياتىقىدا ، باشقا بىر نەچچە نەپەر دوسىتلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن ھەم بۇ جەرياندا ئەيىبلەنمىگۈچى** زەخمىلەنگۈچى ** تېلىفۇن قىلىپ ، ئۇنى كىلىپ بىللە ھاراق ئىچىش ئۈچۈن چاقىرغان . زەخمىلەنگۈچى ** ياتاققا كەلگەندىن كىيىن ، سەھەر سائەت 4 لەر ئەتراپىدا بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىش جەريانىدا ، ئەيىبلەنمىگۈچى** زەخمىلەنگۈچى *** مەسىت بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئۇنى كەتكۈزىۋىتىش ئۈچۈن ياتاقتىن چاقىرىپ ئېلىپ چىققان ھەم 12-قەۋەت كارىدۇر ئىچىدە زەخمىلەنگۈچى ** « دوستلىرىمنى كۆزگە ئىلمىدى » دىگەن سەۋەب بىلەن يۈز قىسمىغا بىر قانچىنى ئۇرغان ، بۇ ۋاقىتتا ئەيىبلەنمىگۈچى **بىلەن زەخمىلەنگۈچى ** ئۇرۇشقىنىنى كۆرگەن ئەيىبلەنمىگۈچى ***** ، ***سەۋەبىنى ئۇقماي تۇرۇپ ، ئەيىبلەنمىگۈچى ** تەرەپ بولۇپ ، زەخمىلەنگۈچى ** بىرلىشىپ ئۇرغان . ئۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ***** بىلەن ** زەخمىلەنگۈچى** تاكسىغا سېلىپ كەتكۈزىۋىتىش ئۈچۈن، لېفىتقا چىقىپ ** مىھمانخانىسىنىڭ 1-قەۋىتىگە چۈشكەن ، لېفىتتىن چۈشكەندىن كىيىن ، چوڭ زال ئىچىدە زەخمىلەنگۈچى ** ئەيىبلەنمىگۈچى ** كەينىدىن كىلىپ ئۇنىڭ باش قىسمىغا بىر نەچچە مۇش ئۇرغان ، بۇنى كۆرگەن ئەيىبلەنمىگۈچى ***** ئەيىبلەنمىگۈچى **بىلەن بىرلىشىپ 1-قەۋەت چوڭ زال ئىچىدە زەخمىلەنگۈچى *** يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئۇرغان . زەخمىلەنگۈچى **ئىككى قېتىملىق تاياق يىگەنلىك سەۋەبىدىن 1-دەرىجىلىك يىنىك زەخمىلەنگەن .
يۇقارقى قىلمىشنى ماددىي ئىسپات ، يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىلەرنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، نەق مەيدان تېلكامىرا خاتىرىسى ، زەخمىلەنگۈچى يېزىپ بەرگەن كەچۈرۈمنامە ، باھالاش پىكىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى : ئەيىبلەنمىگۈچى ***** ئەيىبلەنمىگۈچى ** ، ** بىلەن بىرلىشىپ ، زەخمىلەنگۈچى ** ئۇرۇپ 1-دەرىجىلىك يىنىك زەخمىلەندۈرگەن ، قىلمىشىدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 25-ماددا 1-تارمىقى، 234-ماددا 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق . ئەيىبلەنمىگۈچى ***** **مىھمانخانىسى مۇلازىمەت سۇپىسىدىكىلەرنىڭ ساقچىلارغا دىلو مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ، نەق مەيداندىن ئايرىلماي ، ساقچىلارنىڭ كىلىشىنى ساقلىغان ھەم ئۆز جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ، راسىتچىللىق بىلەن تاپشۇرغان بولۇپ ، جىنايىتىنى تونۇش پوزۇتسىيىسى ياخشى ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدىغان شەرىتنى ھازىرلىغان ، ئەيىبلەنمىگۈچى ***** ، ** ، *** ئائىلىسىدىكىلەر زەخمىلەنگۈچىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ ، ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن . ئەيىبلەنمىگۈچى *****نىڭ جىنايى قىلمىشى يىنىك ، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن خەۋىپى چوڭ ئەمەس . ئەيىبلەنمىگۈچى ***** بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتقا ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا پىكىرسىز بولۇش بىلەن بىللە ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 37-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى *****نى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى .
ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە زەخمىلەنگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا ، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنسا ، قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا ياكى بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنسا بولىدۇ .
قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2020 -يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论