شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھىرى
قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ق ر ت ج ئەيىبلىمەسلىك [2020] 5-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى *****، ئەر، ئۇيغۇر، **19–يىلى *–ئاينىڭ **–كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى *********650203199 ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق ،******* خىزمەتچىسى ، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى ** مەھەللىسى *-بىنا **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق . ئىلگىرى زەھەرلىك بويۇم ئىستىمال قىلغانلىقى ئۈچۈن ، 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پولات شەھەرچىسى ج خ شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش ، مەھەللىدە ئۈچ يىل زەھەر تاشلىتىش قارار قىلىنغان ؛ 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يوقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش ، ئىككى يىل مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش قارار قىلىنغان . بۇ قېتىم 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى مەزكۇر ئىدارە قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان .
مەزكۇر دېلونى قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئەيىبلەنمىگۈچى *****نى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ ، پۈتۈن دېلو ماتىرىيالى بىلەن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان . مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى ، زەخمىلەنگۈچىنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ ، ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ ، دېلونى بىر قېتىم ج خ ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرۇپ ، بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : ئەيىبلەنمىگۈچى ***** ، ***** ، **** 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەر سائەت 2 لەردە، قاراماي شەھىرى *** مېھمانخانىسىنىڭ ***-ياتىقىدا ، باشقا بىر نەچچە نەپەر دوسىتلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن ھەم بۇ جەرياندا ئەيىبلەنمىگۈچى *** زەخمىلەنگۈچى*** تېلىفۇن قىلىپ ، ئۇنى كىلىپ بىللە ھاراق ئىچىش ئۈچۈن چاقىرغان . زەخمىلەنگۈچى *** ياتاققا كەلگەندىن كىيىن ، سەھەر سائەت 4 لەر ئەتراپىدا بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىش جەريانىدا ، ئەيىبلەنمىگۈچى **** زەخمىلەنگۈچى *** مەسىت بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى كەتكۈزىۋىتىش ئۈچۈن ياتاقتىن چاقىرىپ ئېلىپ چىققان ھەم 12-قەۋەت كارىدۇر ئىچىدە زەخمىلەنگۈچى *** « دوستلىرىمنى كۆزگە ئىلمىدى » دىگەن سەۋەب بىلەن يۈز قىسمىغا بىر قانچىنى ئۇرغان ، بۇ ۋاقىتتا ئەيىبلەنمىگۈچى *** بىلەن زەخمىلەنگۈچى *** ئۇرۇشقىنىنى كۆرگەن ئەيىبلەنمىگۈچى *** ، *****لار سەۋەبىنى ئۇقماي تۇرۇپ ، ئەيىبلەنمىگۈچى *** تەرەپ بولۇپ ، زەخمىلەنگۈچى *** بىرلىشىپ ئۇرغان . ئۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ***** ياتاققا قايتىپ كىرىپ كەتكەن. ئەيىبلەنمىگۈچى *** بىلەن *** زەخمىلەنگۈچى *** تاكسىغا سېلىپ كەتكۈزىۋىتىش ئۈچۈن ، لېفىتقا چىقىپ *** مىھمانخانىسىنىڭ 1-قەۋىتىگە چۈشكەن ، لېفىتتىن چۈشكەندىن كىيىن ، چوڭ زال ئىچىدە زەخمىلەنگۈچى *** ئەيىبلەنمىگۈچى *** كەينىدىن كىلىپ ئۇنىڭ باش قىسمىغا بىر نەچچە مۇش ئۇرغان ، بۇنى كۆرگەن ئەيىبلەنمىگۈچى *** ئەيىبلەنمىگۈچى *** بىلەن بىرلىشىپ 1-قەۋەت چوڭ زال ئىچىدە زەخمىلەنگۈچى *** يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئۇرغان . زەخمىلەنگۈچى *** ئىككى قېتىملىق تاياق يىگەنلىك سەۋەبىدىن 1-دەرىجىلىك يىنىك زەخمىلەنگەن .
يۇقارقى قىلمىشنى ماددىي ئىسپات ، يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىلەرنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، نەق مەيدان تېلكامىرا خاتىرىسى ، زەخمىلەنگۈچى يېزىپ بەرگەن كەچۈرۈمنامە ، باھالاش پىكىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى : ئەيىبلەنمىگۈچى ***** ئەيىبلەنمىگۈچى *** ، *** بىلەن بىرلىشىپ ، زەخمىلەنگۈچى *** ئۇرۇپ 1-دەرىجىلىك يىنىك زەخمىلەندۈرگەن ، قىلمىشىدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 25-ماددا 1-تارمىقى، 234-ماددا 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق . ئەيىبلەنمىگۈچى ***** ساقچىلار تېلىفۇن قىلىپ ئېغىزاكى چاقىرىتقاندا ، ئۆزلىكىدىن ج خ ئىدارىسىغا بېرىپ، ئۆز جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ، راسىتچىللىق بىلەن تاپشۇرغان بولۇپ ، جىنايىتىنى تونۇش پوزۇتسىيىسى ياخشى ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدىغان شەرىتنى ھازىرلىغان ، ئەيىبلەنمىگۈچى *****، *** ، **** لەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زەخمىلەنگۈچىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ ، ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن . ئەيىبلەنمىگۈچى *****نىڭ جىنايى قىلمىشى يىنىك ، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن خەۋىپى چوڭ ئەمەس . ئەيىبلەنمىگۈچى ***** بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتقا ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا پىكىرسىز بولۇش بىلەن بىللە ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 37-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى *****نى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى .
ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە زەخمىلەنگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا ، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنسا ، قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا ياكى بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنسا بولىدۇ .
قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论