欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(玛某某)(公开版)_精河县人民检察院

2021-09-22 独角龙 评论0

机密★1年

精河县人民检察院

不起诉决定书

精检一部刑不诉〔2020〕29号

جىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

 ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

  ج ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك خەتلىك (2020) - نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى: مە**،ئەر،قازاق،**19-يىلى **ئاينىڭ **-كۈنى جىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ،كىملىك نومۇرى:*0805***65272219*،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق،كەسپى :دېھقان  ،جىڭ ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپپا -**نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق.، 2020- يىل 7- ئاينىڭ 25- كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايى قىلمىش گۇمانى بىلەن جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن داۋاملىق كىپىلگە بېرىلگەن،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى: پا**،ئايال،قازاق،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق،كەسپى:دېھقان،**19-يىلى -**ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى:*2323***6541،جىڭ ناھىيە تولى بازىرى ئىككى قۇدۇق كەنتى **-گۇرۇپپا **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق.

جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى -129(2020) نومۇرلۇق «ئەيىبلەش پىكىرنامىسى» بىلەن ئەيىپلەنمىگۈچى مە**نىڭ قەستەن زەخىملەندۈرۈش (يېنىك)جىنايى ئىشلار دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، مەھكىمىمىز 2020- يىل 10- ئاينىڭ 20- كۈنى دىلو توپلامىدىن ئىككىنى تاپشۇرۇۋالدى. جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەيىپلەنمىگۈچىغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ۋە  جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كەلتۇرۇپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇن ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ئەيىپلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدۇق؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ،سۆھبەت ئېلىپ باردۇق ؛  قانۇن بويىچە بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلو پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلارنى ئېنىقلىدۇق،ھازىر دىلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق ، تۆۋەندىكىچە دوكلات قىلىمىز؛ 

-2020 يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 23:40 ئۆتكەندە ئەيىپلەنمىگۈچى مە** جىڭ ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپپا **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق ئۆز ئاكىسى ئابد**نىڭ ئۆيىدە ما* بىلەن ئايالى ئو**نىڭ ئارىسىغا چۈشۈپ ماجراسىنى ئاجرىتىۋاتقان يەڭگىسى پا**نىڭ سول مەڭزىگە ئۇرۇپ يۈزىنىڭ يەڭگىل زەخمىلىنىشى،سول قۇلىقىنىڭ پەردىسى تېشىلىپ 2-دەرىجىلىك يېنىك زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

- 2020يىلى7-ئاينىڭ 13-كۈنى جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ (2020) 19-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە ئادەم بەدىنىنىڭ زەخمىلىنىش دەرىجىسىنى باھالاش پىكىرنامىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يۈز قىسمىنىڭ زەخمىسى يەڭگىل زەخمە،قۇلىقىنىڭ زەخمىسى يېنىك ئىككىنچى دەرىجىلىك زەخمە دەپ  يەكۈنى چىقارغان.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئەيىبلەنمىگۈچى مە**نىڭ قىلمىشى << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>> نىڭ 234-مادداسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىلگىرى سوتلۇق بولغان تارىخى يوق، جىنايىتىگە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىىشنى ئەينەن تاپشۇرۇپ، ئىختىيارىي جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى،زىيانلانغۇچى بىلەن يېقىن تۇققان، جىنايى ئىشلار بويىچە مۇرەسسەدە كېلىشىپ،زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ،ئەپۇسىغا ئېرىشىپ كېلىشمنامىغا ئىمزا قويۇپ بولدى، ئەيىپلەنگەن تەقدىردىمۇ يېنىك جازا بېرىلىش ياكى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى يوقىرى، شۇڭا دىلو ئەھۋالىنى ئومۇمى جەھەتتىن كۆزدە تۇتۇپ مەزكۇر دىلودىكى ئەيىبلەنمىگۈچىگە بىر قېتىملىق خاتالىقىنى تونۇش پۇرسىتى بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قىلمىشىنى بىر قەدەر يېنىك جىنايى جازا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قاراپ،‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 177- ماددا 2- تارمىقى،‹‹خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى›› نىڭ 406- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارارى بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى مە** ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىزگە يازما ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.

جىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىى

-2020 يىل 11-ئاينىڭ 6–كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top