ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۈ ت ت 1-بۆلۈم ج ئەيىبلىمەسلىك﹝2020﹞27–نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئې****، ئەر، ئۇيغۇر، 1996-يىلى **-ئاينىڭ *-كۈنى شىنجاڭ يەكەن ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *******6531251996، ئالى تېخنىكوم مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسىپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ يەكەن ناھىيسى *** بازىرى **** كەنتى *-گۇرۇپپا ***-نۇمۇر. قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى ئې****نىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 6-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:30 لەر ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئې**** شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى ئازاتلىق شىمالى يولى چوڭ تۆت كوچا كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا ئەتىگەنلىك چېنىقىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ ***نى ئىتتىرىپ يىقىتىپ زەخمىلەندۈرگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار پەن تېخنىكا بۆلىمى قانۇن دوختۇرىنىڭ زەخمە تەكشۈرۈش پىكىرنامىسىدە: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ ***نىڭ ئومۇرتقا سۆڭىكى تاشقى كۈچ تەسىرىدىن سۇنۇپ كەتكەن، زەخمە دەرىجىسى يىنىك زەخمە 2-دەرىجىگە تەۋە دەپ باھالانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچى ئې****نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكرى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئې****نىڭ باشقىلارنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىپ يىنىك زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن دېلو ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئې****نىڭ سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشى بىر قەدەر يىنىك بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ ئەپۇ قىلىشقا ئېرىشكەن، دېلوغا كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە، ئې****غا جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى ۋە 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئېزىز تۇرسۇننى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论