欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(苏布哈尔·祖卡尔)(公开版)

2021-09-24 独角龙 评论0

机密★1年

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھىرى

قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ    

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                          ق ر ت ج ئەيىبلىمەسلىك [2020] 3-نۇمۇرلۇق 

ئەيىبلەنمىگۈچى ******، ئەر، ئۇيغۇر، **19–يىلى *–ئاينىڭ *–كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى ********** 65020319، تولۇق كۇرۇس مەلۇماتلىق ،  ***** تەنھەرىكەتچىسى ، نوپۇستىكى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** يولى **-نومۇر ، ھازىر قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى ** مەھەللىسى *-بىنا *-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق . ئىلگىرى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى باشقىلارنى ئۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن سەككىز كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش ، قوشۇمچە 400 يۈەن جەرىمانە قويۇش قارار قىلىنغان . بۇ قېتىم  2019-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى مەزكۇر ئىدارە قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان .

  مەزكۇر دېلونى قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ******نى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ ، پۈتۈن دېلو ماتىرىيالى بىلەن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى ، زەخمىلەنگۈچىنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ ، دېلونى بىر قېتىم ج خ ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرۇپ ، بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق .

    قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : ئەيىبلەنمىگۈچى*** ، *** ، *** 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەر سائەت 2 لەردە، قاراماي شەھىرى **مېھمانخانىسىنىڭ **-ياتىقىدا ، باشقا بىر نەچچە نەپەر دوسىتلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن ھەم بۇ جەرياندا ئەيىبلەنمىگۈچى ** زەخمىلەنگۈچى ** تېلىفۇن قىلىپ ، ئۇنى كىلىپ بىللە ھاراق ئىچىش ئۈچۈن چاقىرغان . زەخمىلەنگۈچى ** ياتاققا كەلگەندىن كىيىن ، سەھەر سائەت 4 لەر ئەتراپىدا بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىش جەريانىدا ، ئەيىبلەنمىگۈچى *** زەخمىلەنگۈچى ** مەسىت بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئۇنى كەتكۈزىۋىتىش ئۈچۈن ياتاقتىن چاقىرىپ ئېلىپ چىققان ھەم 12-قەۋەت كارىدۇر ئىچىدە زەخمىلەنگۈچى **« دوستلىرىمنى كۆزگە ئىلمىدى » دىگەن سەۋەب بىلەن يۈز قىسمىغا بىر قانچىنى ئۇرغان ، بۇ ۋاقىتتا ئەيىبلەنمىگۈچى ** بىلەن زەخمىلەنگۈچى *** ئۇرۇشقىنىنى كۆرگەن ئەيىبلەنمىگۈچى **، ** سەۋەبىنى ئۇقماي تۇرۇپ ، ئەيىبلەنمىگۈچى ** تەرەپ بولۇپ ، زەخمىلەنگۈچى ** بىرلىشىپ ئۇرغان . ئۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ** بىلەن ** زەخمىلەنگۈچى ** تاكسىغا سېلىپ كەتكۈزىۋىتىش ئۈچۈن، لېفىتقا چىقىپ ** مىھمانخانىسىنىڭ 1-قەۋىتىگە چۈشكەن ، لېفىتتىن چۈشكەندىن كىيىن ، چوڭ زال ئىچىدە زەخمىلەنگۈچى ** ئەيىبلەنمىگۈچى** كەينىدىن كىلىپ ئۇنىڭ باش قىسمىغا بىر نەچچە مۇش ئۇرغان ، بۇنى كۆرگەن ئەيىبلەنمىگۈچى *** ئەيىبلەنمىگۈچى **بىلەن بىرلىشىپ 1-قەۋەت چوڭ زال ئىچىدە زەخمىلەنگۈچى *** يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئۇرغان . زەخمىلەنگۈچى ** ئىككى قېتىملىق تاياق يىگەنلىك سەۋەبىدىن 1-دەرىجىلىك يىنىك زەخمىلەنگەن . 

    يۇقارقى قىلمىشنى ماددىي ئىسپات ، يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىلەرنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، نەق مەيدان تېلكامىرا خاتىرىسى ، زەخمىلەنگۈچى يېزىپ بەرگەن كەچۈرۈمنامە ، باھالاش پىكىرى قاتارلىق       دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى : ئەيىبلەنمىگۈچى ****** ئەيىبلەنمىگۈچى ** ، ** بىلەن بىرلىشىپ ، زەخمىلەنگۈچى *** ئۇرۇپ 1-دەرىجىلىك يىنىك زەخمىلەندۈرگەن، قىلمىشىدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 25-ماددا 1-تارمىقى ، 234-ماددا 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق . ئەيىبلەنمىگۈچى ****** ساقچىلار تېلىفۇن قىلىپ ئېغىزاكى چاقىرىتقاندا ، ئۆزلىكىدىن ج خ ئىدارىسىغا بېرىپ، ئۆز جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ، راسىتچىللىق بىلەن تاپشۇرغان بولۇپ، جىنايىتىنى تونۇش پوزۇتسىيىسى ياخشى ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدىغان شەرىتنى ھازىرلىغان ، ئەيىبلەنمىگۈچى ***، ** ، ** ئائىلىسىدىكىلەر زەخمىلەنگۈچىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ ، ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن . ئەيىبلەنمىگۈچى *** جىنايى قىلمىشى يىنىك ، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن خەۋىپى چوڭ ئەمەس . ئەيىبلەنمىگۈچى ** بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتقا ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا پىكىرسىز بولۇش بىلەن بىللە ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 37-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا  2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى ** ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.

ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە زەخمىلەنگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا ، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنسا ، قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا ياكى بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنسا بولىدۇ .

قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

         2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى        

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top