莎车县人民检察院
不起诉决定书
莎车县院二部刑不诉〔2019〕2号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2019) 2 - نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX، ئەر، 19**–يىلى *- ئاينىڭ *- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 653125***********، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، يەكەن ناھىيە XX يىزا XX كەنتى XX-گۇرۇپپا XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2018 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX 20**– يىلى XX– ئاينىڭ XX– كۈنى سائەت 00 دىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەندە، مەس ھالەتتە 新Q**** نومۇرلۇق *** رەڭلىك «***» ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى يەكەن ناھيە XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللىدىن *** يېزا XX-كەنتىگە بېرىش ئۈچۈن ھەيدەپ مېڭىپ، ** يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللە تەۋەسىگە كەلگەندە ماشىنا يول ياقىسىدىكى ئورمان بەلبېغىغا چۈشۈپ كەتكەن ( ھادىسىدە ئادەم يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن) دىن كىيىن ، شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە دىلو مەلۇم قىلىنغان . «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ {2018}- ****-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا « ئاXXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 97.32 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى ؛
2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
3. «شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2018) - ****- نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ؛
4. نەق مەيدان رەسىملىرى .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133 – ماددا 1 – مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ . قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ قىلمىشى يېنىك، زىيانلىق ئاقىۋىتى ئېغىر ئەمەس، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، 133 - مادداىسىنىڭ 1 - مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، 67- ماددا 3 - تارماق، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177– ماددا 2 - تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئاXXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论