欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(阿布都吉里力·玉素甫)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

机密★1年

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

xxناھىيىلىك خەلق تەپتىش  مەھكىمىسىنىڭ  ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى                  

                         x ت ج ئى(2020)  xx -نۇمۇرلۇق

ئەيىپلەنمىگۈچى ئاxx، ئەر، 19x4-يىلى xx- ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 6532xxxxxxxx   ئۇيغۇر،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ  مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دوختۇر، ئامما ،نۇپۇسى ھەم ئولتۇرۇقىxx ناھىيە مەxxئاھالە كومتېتى x-قورۇ 1-بىنا 1- كورپۇسxx- نۇمۇر. ئىلگىرى قانۇن تەرپىدىن جازالانمىغان . 2020-يىلى9-ئاينىڭ 12-كۈنى قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەنxx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن، 2020-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنىxx ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قايتا كىپىلگە بىرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە. 

xx ناھىيىلىك ج  خ  ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى ئاxxىڭ قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسىنى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تەھقىقلەشنى  ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشى  ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەيىپلەنمىگۈچى ئاxxكە  ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا  ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە دەۋادىكى ھۇقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇش،جازانى قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى ئۇقتۇردۇق،دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ،ئادۋۇكاتنىڭ ھەمراھلىقىدا جىنايىتىنى تۇنۇش،جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى ئىمزالىدۇق،قانۇن بۇيىچە سۇراق قىلدۇق.

  مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىنىقلانغان دىلو پاكىتى:

 2020-يىلى07-ئاينىڭ 24-كۇنى ئەيىپلەنمىگۈچى ئاxx تۆت نەپەر دوستى بىلەن ئۈزىنىڭ ئاق رەڭلىك  新xxxxxنۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپxx ناھىيەxx يېزا بودەكلەر ئارامگاھىغا بېرىپ تاماق يىگەچ ئۈچ نەپەر ئەر كىشى  ھاراق ئىچىپ بۇلۇپ، ئۈيىگە قايتىش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ  ئاق رەڭلىك 新xxxxxx نۇمۇرلۇق ماشىنىسىغا  تۆتەيلەننى سېلىپ، ماشىنىنى ھەيدەپ 100مىتىر ئەتراپىدا ماڭغاندىن كىيىنxx ج خ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن  بايقالغان .تەكشۈرۈش پونكىتىدىكىلەر  قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

xxناھىيلىك قاتناش ساقچى ئەترىتى ئەيىپلەنمىگۈچى ئاxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى «شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ تېخنىكىلىق باھالىشىغا ھاۋالە قىلغان .« شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزى » نىڭ  [ 2020 ] دە -xxxx  نۇمۇرلۇق تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدە  ،  ئاxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىۋىدە 97 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ باھالىغان .

يۇقارقى پاكىتلارنى ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ،  باھالاش پىكىرنامىسى ،نەق مەيدان سۈرەتلىرى، ماددى بۇيۇملار تۇتۇپ قېلىش ، قايتۇرۇش تىزىملىكى  قاتارلىق يازما ئىسپات ماددى ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

ئەيىپلەنمىگۈچى  ئاxxنىڭ  يۇقارقى پاكىتقا پىكىرى يوق جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ ھەمدە جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىلخەتنامە ئىمزالىدى.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە ئەيىپلەنمىگۈچى ئاxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە تەدبىقلىغاندا مۇتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ بىراق ئەيىپلەنمىگۈچى ئاxxنىڭ قىلمىشى يىنىك ، قاتناش ھادىسىسى سادىر بولمىغان ، زەخمىلنىش ئەھۋالى يوق ، جەمىيەتكە ئېلىپ كەلگەن خېيىم خەتىرى يۇقىرى ئەمەس ، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيسى ۋە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى ، شۇڭا ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەش جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بىجىرىشتە بىر قانچە قانۇن مەسىللەر توغرىسىدىكى پىكىرنىڭ 1-ماددا،2-ماددا،شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەش جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بىجىرىش خىزمەت كۆرسەتمىسىنىڭ 6-ماددا،7-ماددا ،10-ماددا 3-تارماق ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا ، 173- ماددا 2-تارمىقىدىكى  بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەنمىگۈچى ئا xx ئۈستىدە جىنايەتلىك ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى.

ئەگەر تەھقىقلىگۈچى ئورگان مەھكىمىمىزنىڭ مەزكۇر جىنايەتلىك ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى «نىڭ 179-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسىگە ئاساسەن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ، ئەگەر پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا تەكشۈرۈشكە ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ .

ئەگەر ئەيىپلەنمىگۈچى مەھكىمىمىزنىڭ مەزكۇر جىنايەتلىك ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسىغا قايىل بولمىسا »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»  نىڭ -181ماددىىسىدىكى بەلگىلمىسىگە ئاساسەن قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 7كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ .

xx ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىش : غxx

2020-يىلى -11 ئاينىڭ30– كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top