شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 21- نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65312519**********، تولۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يەكەن ناھىيەلىك **-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يەكەن ناھىيە ** بازىرى ** يولى **-مەھەللە **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىشنىڭ كەلتۇرۇپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، زىيانلانغۇچى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق، ئەيىپلەنمىگۈچى، دىجۇرنى ئادوۋكات، زىيانلانغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكىنى بىر قىتىم ئۇزارتتۇق. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى دىلونى بىر قىتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دىلونى قايتىدىن تەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە يوللىغان.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 08 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 新Q***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ** رەڭلىك ** ماركىلىق ماشىنىسىنى دۆلەت يولى 315-لىنىيەدە غەرپتىن شەرققە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇنغا كەلگەندە، يول ئۈستىدە يول سۈپۈرىۋاتقان تازىلىق ئىشچىسى زىيانلانغۇچى ئاX بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە ئاX قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان. دىلو يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX ئۆزى دىلو مەلۇم قىلغان.
يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرنىڭ (2019) **-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «ئۆلگۈچى ئاX ھايات ۋاقتىدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، دوخمال خاراكتېرلىك ھەرىكەتچان جىسىمنىڭ سوقۇلىشىدىن تاق ۋىنا تومۇر ۋە قوشۇمچە يىرىم تاق ۋىنا تومۇرى ئۈزۈلۈپ، قان كۆپ چىقىپ كىتىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى دېلونى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق (2019) **-نومۇرلۇق ھادىسە ئېتىراپنامىسىنى چىقىرىپ، «ھادىسىدە ئاX تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھادىسىدە ئۆلگۈچى ئاXدا مەسئۇلىيەت يوق» دەپ بىكىتكەن. ھادىسە ئىتىراپنامىسى تەرەپلەرگە تارقىتىپ بىرىلگەندىن كىيىن، تەرەپلەر بۇ ھادىسە ئېتىراپنامىسىگە قايىل بولغان.
دىلو پاش بولغاندىن كىيىن، ئەيىپلەنمىگۈچى ئاX ھادىسىدە ئۆلگۈچى ئاXنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا دەپنە ھەققى ۋە ئۆلۇم تۆلىمى قاتارلىق چىقىملىرى ئۈچۈن 315 مىڭ يۈەن تۆلەم بىرىپ، يەكەن ناھىيە قاتناش ھادىسىلىرى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىدە مۇرەسسەگە كەلگەن. مۇرەسسە كۈچكە ئىگە قىلىنغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دىلونىڭ پاش بولۇش، ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ تۇتۇلۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەمىنلىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتى، مۇرەسسەنامە، پۇل تاپشۇرىۋىلىش ھۆججىتى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ قالغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىكى، ئۆلگۈچى ئاXنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىملىك ۋە نۇپۇسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئۆلگۈچىنىڭ نۇپۇستىن ئۆچۈرۈلگەنلىك ئىسپاتى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەدلىيەلىك باھالاشنى ھاۋالە قىلىش جەدۋىلى، قوبۇل قىلغان دىلولارنى تىزىملاش جەدىۋىلى، ھاۋالىنامە، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ دىلو قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى؛ 2. گۇۋاھچى ئىX قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛ 4. زىيانلانغۇچى بX، نXنىڭ بايانى؛ 4. ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ 5. شىنجاڭ جىنلۇ ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ [2019]**-نۇمۇرلۇق ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ [2019]**-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى، قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ [2019]**-ھادىسە ئىتىراپنامىسى؛ 6. نەق مەيدان خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو سۈرەتلەر؛ 7. ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتىدا تارتىلىغان سىن كۆرۈنۈشى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى بىكىتىشكە يىتەرلىك. ئەيىپلەنمىگۈچى بىكىتكەن جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇدى.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. دىلۇنىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتلار راسىت ھەم تولۇق. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX دىلو يۈز بەرگەندىن كىيىن ئۆزلىكىدىن دىلو مەلۇم قىلغان،جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، جىنايى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىن ئەپۇ سوراپ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئىرىشكەن، ھەق تەلەپ قىسمىدا مۇرەسسەگە كىلىپ زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئاXنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى ئەگەر بۇ قارارنامىغا قايىل بولمىسا، بۇ قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسا، ياكى ئىلتىماس قىلماي بىۋاستە يەكەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论