欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(认罪认罚案件适用)(阿某某盗窃案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

机密★1年

乌什县人民检察院 

不起诉决定书

乌什检一部刑不诉〔2020〕9号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 

                       ئۇ ن ت ئەيىبلىمەسلىك (2020)  9 -نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xx ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019- يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىلىككە بېرىلگەن، كاپالەتچىگە بېرىش مۆھلىتى توشۇپ قالغانلىقتىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.  

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xx 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 12:10 ئەتراپىدا، ئۇچتۇرپان بازىرى xxيۇلىدىكى «xx» ئالدىدا تاكسى توسۇپ، 新xنۇمۇرلۇق تاكسى ماشنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا چىققان ۋە زىيانلانغۇچى قۇx چۈشۈرۈپ قويغان بىر دانە xxرەڭلىك 2560.00 يۈەن قىممىتىدىكى xماركىلىق يان تېلىفۇننى كۆرگەندىن كېيىن، تاكسى ماشىنا شوپۇرىغا تۇيدۇرماي ئېلىۋېلىپ،  يانچۇقىغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلدى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

بۇ ھەقتە پاكىت ئوچۇق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا xxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئوغرىلىغان مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەنلىگى، زىياننىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىغى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۈرۈيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى. 

 تەرەپلەر بۇ قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.  

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top