欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(赛某某交通肇事案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

机密★1年

乌什县人民检察院 

不起诉决定书

乌什检一部刑不诉〔2021〕13号 

ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 

                       ئۇ ت جىنايى ئىشلار ئەيىبلىمەسلىك (2021)  13-نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى سXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1989-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XX6529271989، ئۇچتۇرپان ناھىيە XX بازىرى XX نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى سXXنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسى ھاۋالە قىلىش ھۇقۇقىنى ئۇقتۇردۇق . ئەيىبلەنمىگۈچى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

ئەيىبلەنمىگۈچى سXX 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 18:30 ئەتىراپىدا ئۆزىنىڭ NXX-新 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلىغا ئاپىسى گXX، ئايالى مXX، ئوغلى سXX، قىزى سXX قاتارلىقلارنى چىقىرىپ XX يېزا XX سەيىلىگاھى ئىچىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئاپتۇموبىلنى قوزغاپ ھەيدەش جەريانىدا، ئاپتۇموبىلنىڭ ئالدىدىكى ئوخشاش يۈلىنىشتە پىيادە ماڭغان جXX   (x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان) نى سۇقىۋەتكەن. نەتىجىدە جXX قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈپ كەتكەن. ھادىسىدىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچى سXX زىيانكەشلىكە ئۇچرىغۇچى جXXنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ھەق تەلەپ تۆلىمى ئۈچۈن 450 مىڭ يۈەن تۆلەپ بەرگەن ھەم ئەپۇسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 

يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا، سXXئاساسى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جXX قۇشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن. 

قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، باھالانغۇچى جXX قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن باش سۆڭىكى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ، نەپەسلىنىش زەئىپلىشىپ ئۆلگەن بىكىتكەن. 

زىيانلانغۇچى جXXنىڭ دادىسى ئەXX، ئاپىسى مXX ئەيىبلەنمىگۈچى سXX ئۈستىدە دەۋاسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى سXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

بۇ ھەقتە پاكىت ئوچۇق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى سXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپ ھالدا ماشىنا ھەيدەپ، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى س XX نىڭ تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىغى،  جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيەسىنىڭ ياخىشى ئىكەنلىگى، ئۇندىن باشقا دېلونىڭ ھەق-تەلەپ قىسمىدا ئۆزئارا كىلىشىپ قارشى تەرەپنى تولۇق رازى قىلغان ھەمدە جىنايى ئىشلار بۇيىچە ئەپۇسىغا ئىرىشكەن قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددسىغا ئاساسەن جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى. 

 تەرەپلەر بۇ قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ. 

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top