欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(阿某某交通肇事案)(公开版)

2021-09-19 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك چىقىش(2021) 10–نۇمۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچىئا**، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********** 65322119، **ۋىلايىتى ** ناھىيەسى ** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، مەخسۇس كۇرۇس مەدەنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى (2021) 62-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۋېلىپ، ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى، زىيانلانغۇچى ئائىلىسىگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سوئال سوراپ، نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ۋە زىيانلانغۇچى ئائىلىسىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلغاندىن كىيىن، دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** 2020-يىلى 10–ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 16:30لار ئەتراپىدا بەي ** نامىدىكى، ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى***** 新Aنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇمبىلنى باي ناھىيە ** يولى**-لىنىيە بويلاپ غەرىپتىن–شەرىققە بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ مېڭىپ، مۇشۇ لىنيەنىڭ ** كىلومىتىر+50 مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە ئوخشاش يۆنىلىشتە غەرىپتىن–شەرىققە قاراپ مېڭىپ سولغا ئايلىنۋاتقان ن** ھەيدەپ ماڭغان نۇمۇر تاختىسىز ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى سوقۇپ قويغان، نەتىجىدە ن**نىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كىتىش، ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى «ئالاقىدار ئا**‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى›نىڭ 42-ماددا 1-تارماق، 43-ماددا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئاساسى مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئالاقىدار ن** ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى› نىڭ 22-ماددا 1-تارماق ۋە ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قۇيۇش نىزامى› نىڭ 51-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ قۇشۇمچە مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقارغان.

باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 93-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسى ئارقىلىق «ئۆلۈپ كەتكۈچى ن** قاتناش ھادىسسى سەۋەبىدىن باش سۆڭەكنىڭ ئوڭ تەرەپ چىكە سۆڭىكى سۇنۇپ، باش ئىچى قاناپ، مىڭە ئېغىر دەرىجىدە يېرىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن.»  دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.

شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بۇيۇملارنى ئەدىليەلىك باھالاش ئورنى (2020) 1588-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسى ئارقىلىق «1. ** ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنىڭ سول تەرەپ ئالدى، ئارقا بۇرلۇش چىرىقىنىڭ ئىقتىدارى نورمال؛ 2. ***** 新A نۇمۇرلۇق ئاپتومبىلنىڭ ئوڭ تەرەپ بۈرجەك قىسمى بىلەن ** ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنىڭ سول تەرەپ ئارقا قىسمى سۇقۇلۇپ ئۇچراشقان؛ 3. ***** 新A نۇمۇرلۇق ئاپتومبىل بىلەن ** ماركىلق ئىككى چاقلىق توكسىكىلتنىڭ سۇقۇلۇپ ئۇچراشقان ئورنى توغرا يۆنىلىشتە نەق مەيدان شەرىقتىن–غەرىپكە يۆنىلىشتە يولنىڭ شىمال تەرەپتىن جەنۇبىغا 0.7 مىتىر كىلدۇ، بوي يۆنىىلشتە نەق مەيداندىكى قېپ قالغان سۈرۈلگەن ئىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئەتراپىدا، 4. ***** 新A نۇمۇرلۇق ئاپتومبىلنىڭ ھادىسە يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى يۈرۈش سۈرئىتى 44 كىلومىتىر ھەر سائەت.» دەپ دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.

شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بۇيۇملارنى ئەدىليەلىك باھالاش ئورنى (2020) 5372-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسى ئارقىلىق «ئا**نىڭ قان سۇيۇقلىقىدا ئالكوگول تەركىبى بايقالمىدى» دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپات، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش پىكىرى، كۆرۈش-ئاڭلاش ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

مەھكىممىز، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تۇلۇق ھەم راست، بېكىتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىدى، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى  ئا**، ھادىسە سادىر قىلغاندىن كىيىن ئاكىتپلىق بىلەن جىددى قۇتقۇزۇشقا تىلفۇن قىلىپ، قۇتقۇزۇش تەرەپدارى بولغان ھەم ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، تەھقىقلەش باسقۇچىدا ئاكتىپ ھالدا، زىيانلانغۇچى ئائىلسىكىلەر بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ، زىيانلانغۇچى ئائىلىسدىكلەرنىڭ ھەق تەلەپ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرۇپ، زىيانلانغۇچى ئائىلىسىدىكلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، باشقا ئېغىر جازا بېرىلدىغان ئەھۋاللار يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئا**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 181-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.

زىيانلانغۇچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 180-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا ياكى بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

 

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2021-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە ئەيىبلەنمىگۈچى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا، ج خ ئىدارىسىغا، زىيانلانغۇچى ئائىلىسىگە بىر نۇسخىدىن يەتكۈزۈلىدى.

2.ئەيىبلەنمىگۈچى ھازىر ئائىلىسىدە. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top