欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(阿某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                      ك ت1-بۈلۈم ج ئەيىبلىمەسلىك(2021) 1-نۇمۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى XX،ئەر،ئۇيغۇر،-1995يىلى-2ئاينىڭ-5كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى65292919950205****:،ئادىرىسى:كەلپىن ناھىيە ئاچال بازىرىXX كەنت-4 مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق،دېھقان،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ئىلگىرى جازالانمىغان.خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن -2020يىلى-12ئاينىڭ-26كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.ھازىر ئائىلىسىدە.

كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى XXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2021-يىلى1-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بۇيىچە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،ئەيىبلەنمگۈچىدىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:ئەيىبلەنمىگۈچى XX 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 01 دىن 45 مىنۇتلار ئۆتكەندە،ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە،ئۆزىنىڭ 新N**** نومۇرلۇق ۋاقتىلىق نومۇر تاختىسى ئېسىلغان«بىيادى» ماركىلىق كىچىك تىپلىق ئائىلە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ،ئاچال بازىرىXX كەنتى1-گورۇپ يېزا يولىدا شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ يول يۈرۈپ،چىلان كەنتى1-گورۇپتا تۇرۇشلۇق XXنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ يول بۆلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتناش  ساقىچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ،قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا،ھەر100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ  95.03 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1.يازما ئىسپات 2.ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى 3.باھالاشنامە 4.جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز،ئەيىبلەنمىگۈچى XXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، ئاپتۇموبىل ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.ئەمما ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى«نىڭ-67 ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىكى شەرتنى ھازىرلىغان،ئېغىرلىتىپ جازا بىرىلىدىغان ئەھۋالنى سادىر قىلمىغان،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ،»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى«نىڭ-15ماددابەلگىلىمىسى بۇيىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بۇلىدۇ،قىلمىشى يىنىك،»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى«نىڭ -37ماددابەلگىلمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۇرۇريىتى يوق دەپ قاراپ،»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى«نىڭ-177 ماددا-2 تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە،XXنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.

ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا،قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز سۇنسا بۇلىدۇ.

2021-يىلى2-ئاينىڭ 2-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top