欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(阿某某危险驾驶案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى

پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ئە ق (2020) 1-نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى: ئاXX ، ئەر، ئۇيغۇر ، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى، كىملىك نومۇرى: 0038******65212219، ** ناھىيە **بازىرى ** يولى **-كۇچا**-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ئىلگىرى جازالانمىغان،ئىشسىز،خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىلغانلىقى ئۈچۈن 2018-يىلى12-ئاينىڭ02-كۇنى پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن .

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىگە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:

2018-يىلى09-ئاينىڭ25-كۈنى سائەت 23 دىن 00 مىنۇتلار ئۆتكەندە ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، 新A**** نۇمۇرلۇق، «**» ماركىلىق ، كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسنى ھەيدەپ ، غەرىپتىن -شەرىققە قاراپ يول يۈرۈپ، ** ناھىيە **غەربى يول **** پۇنكىتى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،يول ياققىسىدىكى قۇم دۆۋىسى بىلەن سۇقۇلغان ،نەتىجىدە ئادەم يارلانماي، ماشنا زىيانغا ئۇچۇراشتەك ئاددەتتىكى قاتناش ھادىسىىنى سادىر قىلغان.

شىنجاڭ«خېڭجىڭ»ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2018] ***-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا« ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXدىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارmg/100ml87.7»دەپ يەكۇن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان ئىنىقلاش ،تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلېرى؛6.ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىدە بەلگىلەنگەن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارمىقى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ دېلوغا ھازىر بولغاندىن كېيىنكى جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، جەمئىيەتكە بولغان خەۋپى ئېغىر ئەمەس بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەم ئەھۋالغا قاراپ يىنىك جازا بېرىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت،ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ قىلمىشى يېنىك بولۇپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 37- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.

پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020- يىلى 01- ئاينىڭ 02- كۈنى

ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top