توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
تۇقسۇ تەپتىش جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلىمەسلىك (2020)22– نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۇچى ئا**، ئەر، ئويغۇر، ** ياش (**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نومۇرى: 2235** 652923. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرىسى ۋە ئۇلتۇرغى: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گوروپ **-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئا**نى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 153-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
ئەيىپلەنمىگۇچى ئا** 2020-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 15:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا توقسۇ ناھىيە شىمالى شەھەر سانائەت رايۇنىدىكى سوغوق ئىچىمىلىك دۇكىنىدىن بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراق ئېلىپ يېرىمىنى يولدا ماڭغاچ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، سائەت 17:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا 新N5S511 نۇمۇرلۇق ماشىننى ھەيدەپ ئىچئېرىق يېزا يانداق كەنت تەۋەسىدىكى شال زاۋۇتىغا بېرىپ زاۋۇت مەسئۇلى بىلەن ماجرالىشىپ قالغان، زاۋۇت مەسئۇلى دىلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ئىچئېرىق ساقچىخاننىڭ ساقچىللىرى نەق مەيدانغا كېلىپ نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، 新N5S511 نۇمۇرلۇق ماشننى ھەيدىگۈچى ئا**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك گۇمانى بولغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ئا**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 1883-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە ئا**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 94 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
مەھكىممىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئا**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش توغىرسىدىكى ئالاقىدار قانۇن بەلگىلمىللىرگە خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىلىندۇ. بىراق ئا** تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىگە ھەقىقي تۆۋا قىلىپ، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلدىغان باشقا ئەھۋاللار يوق، ج خ ئىدارىسىمۇ ئا**نى كەڭچىلىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شۇڭا شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ (2019)34-نۇمۇرلۇق «شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەش جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بىجىرىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكرى (سىناق نۇسقا)» نىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى»نىڭ 177- ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئا**نى ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ قايتا قاراپ چىقىشغا سۇنسا بولىدۇ.
ئەيىپلەنمىگۇچى بۇ قارارغا قايىل بۇلمىسا، مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى بەرسە بۇلىدۇ.
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论