欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(阿某某危险驾驶罪一案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

تۇقسۇ تەپتىش جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلىمەسلىك (2020) 7– نۇمۇرلۇق

ئەيىپلەنمىگۇچىئا**، ئەر، ئويغۇر، ** ياش (**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نومۇرى: 0759 **652925. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرىسى ۋە ئۇلتۇرغى: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گوروپ **-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

بۇ دېلونى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئا**نى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 56-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

ئا** 2019-يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 21:40 ئۆتكەن ئەتىراپتا توقسۇ ناھىيە پەيشەنبەبازار يېزا مومتوغراق كەنت 3-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ئابلا توختىنىڭ ئۆيىدە ئابلا توختى قاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئاق ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، سائەت 22:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا ئابلا توختىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا توختىتۇپ قويغان 新N6Q828 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ پەيشەنبەبازار يېزا توپادۆڭ كەنت 3-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق مەمەت گايىتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قايتىپ كىلىشىدە غەربتىن شەرققە يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ توپادۆڭ كەنت مەھەللە كومتتىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى پەيشەنبەبازار خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىللىرى 新N6Q828 نۇمۇرلۇق ماشىننى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ھەيدىگۈچى ئا**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك گۇمانى بولغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

 شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 9094-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە ئا**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 99 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

مەھكىممىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئا**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش توغىرسىدىكى ئالاقىدار قانۇن بەلگىلمىللىرگە خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىلىندۇ. بىراق ئا** تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىگە ھەقىقىي تۆۋا قىلىپ، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلدىغان باشقا ئەھۋاللار يوق، ج خ ئىدارىسىمۇ ئا**نى كەڭچىلىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شۇڭا شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ (2019)34-نۇمۇرلۇق « شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەش جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بىجىرىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكرى (سىناق نۇسقا)» نىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى،«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى»نىڭ 177- ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئا**نى ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق. 

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ قايتا قاراپ چىقىشغا سۇنسا بولىدۇ.

ئەيىپلەنمىگۇچى بۇ قارارغا قايىل بۇلمىسا، مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى بەرسە بۇلىدۇ. 

          2020-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top