乌什县人民检察院
不起诉决定书
乌什检一部刑不诉〔2021〕xx号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبلىماسلىق (2019) xx -نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx، ئايال، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزاxx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئۇغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 00:21 ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى تۇxxنىڭ ئۆيىدىن توك قازاننى ئوغۇرلاش مەقسىتىدە 10 ياشلىق ئوغلى سەxx بىلەن بىللە، زىيانلانغۇچى تۇxxنىڭ ئۆيىگە ئادەم يوق پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ دېرىزىدىن ئارتىلىپ ئوغرىلىققا كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچىنى ئاقتۇرۇپ توك قازاننى تاپالمىغاندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى تۇxxنىڭ ئايالى قەxxنىڭ 314 يۈەن قىممىتىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ئىككى دانە قىشلىق پەي چاپان قاتارلىقمال-مۈلۈكلەرنى ئۇغۇرلاپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ۋە يىڭئاۋات يېزا xx-كەنىت 1-مەھەللە كالا بېقىش كاپراتىپ ئىچىدىكى قۇناق پاسىڭىنىڭ ئارسىغا يۇشۇرۇپ قويغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تولوق ئەسلىگە كەلگەن.
دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە «جاۋابكار ئاxx ئوغرىلىغان گىرىم بۇيۇم، كىيىم -كېچەك قاتارلىقلارنىڭ قىممىتى 314:00 يۈەن» دەپ باھالاپ بىكىتگەن. ئەيىبلەنمىگۈچى يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆزلۈگىدىن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈكىنى يۇشۇرۇن قىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئوغرىلىغان مال-مۈلۈكنىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، زىيان ئەسلىگە كەلگەن، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىدى، شۇڭا ئەيىبلەنمىگۈچىنى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلدى.
ئەگەر تەرەپلەر مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمسىگە ئەرز قىلسا بۇلىدۇ.
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论