欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(阿某某涉嫌盗窃案)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ت ج ئەيىبلىمەسلىك (2020)18–نۇمۇرلۇق

  ئەيىپلەنمىگۈچى ئا**، ئايال، ئۇيغۇر، ****-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2023 ********652925،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تىجارەتچى، شىنجاڭ ت** ناھىيسىدىن، ت** ناھىيە ئۆ** يېزا س** كەنىت **-گوروپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوغۇرلۇق گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كىپىلگە بىرىلگەن.

زىيانلانغۇچى: ئې**، ئەر، ئۇيغۇر ، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى توغۇلغان ،كىمىلىك نۇمۇرى : 3013 ******652925 ،پىنسىيەگە چىققان كادىر ،ئولتۇرۇغى ت** ناھىيە ي** خ** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كۇرپۇس ***-نۇمۇر.

 ئا**، ئا**، ن**نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3- كۈنى (2020) 137-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى ، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى .

مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.

جىنايەت گۇماندارى ئا**، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا***، ئەيىبلەنمىگۈچى ن**  2019-يىلى 09-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، زىيانلانغۇچى ئې**نىڭ يۇلتۇزباغ بازار خۇڭيۇەن ئولتۇراق رايۇنى 11-بىنا 3-كورپوس 201- نۇمۇرلۇق ئۆيىدە ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغاندا، زىيانلانغۇچى ئې** چاي دەملىگىلى چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتە، جىنايەت گۇماندارى ئا** ئا** ۋە ن**قا ئۆزىنىڭ ئېزىز مەمەتنىڭ ئۈندىدار ئارقلىق پۇل تۆلەيدىغان مەخپى نۇمۇر كۆرۈۋالغانلىقنى ئېيىتىپ، ئې**نىڭ ئۈنىدارىدىكى پۇلنى ئوغۇرلاشنى مەسلىھەتلەشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى ن** زىيانلانغۇچى ئې**نىڭ يېنىغا كىرىپ پاراڭلىشىپ تۇرغان پۇرسەتتە جىنايەت گۇماندارى ئا**بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**، ئې**نىڭ شۇ يەرگە قۇيۇپ قۇيغان تىلفۇننى ئېلىپ ئې**نىڭ ئۈندىدارنى ئا**نىڭ ئۈندىدارغا سىكانىرلاپ 1000 يۈەن پۇلنى ئۇغۇرلىۋالغان، كېيىن زىيانلانغۇچى ئې** بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى ن** سۇرۇنغا كىرگەندىن كېيىن، ئا** ئې**كە تېلفۇنىڭلىدا تېلفۇن قىلۋالاي دەپ ئې**نىڭ تېلفۇنىسىنى ئارىيەتكە ئېلىپ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ يۇقارقى مەشخۇلاتنى قايتا داۋاملاشتۇرۇپ يەنە 2000 يۈەن پۇلنى سىكانىرلاپ ئۇغۇرلىۋالغان. شۇ كۈنى ئا** ن**قا، ئې**نىڭ ئۈندىدارىدىن  300 يۈەننى ئۈندىدارىغا يۆتكىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ 300 يۇەننى ئۈندىدار ئارقىلىق قىزىل بولاق قىلىپ ئەۋەتىپ بەرگەن، قالغان 2700يۈەننى جىنايەت گۇماندارى ئا** بىلەن ئا**خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئا**1500 يۈەننى ، ئا** 1500 يۈەننى تۆلەپ تۈگەتكەن. 

 جىنايەت گۇماندارى ئا**، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**، ئەيىبلەنمىگۈچى ن**لار جىنايىتىنى ئەيىنەن ئىقىرار قىلىدۇ، جىنايىتنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن-سىن ماتىريالى، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. 

يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ . 

مەھكىممىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**ىنىڭ قانۇنىسز ئىگەللىۋېلىش مەقىسىتىدە، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ،  شەخسىلەرنىڭ كۆپرەك مىقتاردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. ئەمما ئا**نىڭ قىلمىشى يىنىك، ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى، دىلودا ئەگەشكۈچلىك رول ئويىنىغانلىقى، زىياننى تۇلۇق تۆلەپ قايتۇرغانلىغى، تۇنىجى قېتىم دىلو سادىر قىلغانلىقى، جىنايىتنى تۇنۇش ، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن، مەھكىمىمىز  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ››نىڭ 264-، 25-،27-، 67- ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلىمىسى ۋە ‹‹ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى،ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دىلولىرىنى بىجىرىشتە قانۇنى تەدبىقلاشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات››نىڭ 7-ماددا 2-،4-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى  ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ  177-  ماددسىنىڭ 2 -تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە تۆۋەندىكىچە قارار قىلدى:

جىنايەت گۇماندارى ئا**نى ئەيبلىمەسلىك (نىسبى)  قارار  قىلىندى. 

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ .

زىيانلانغۇچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .

ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .

توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top