شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۈ ش س ت ت 1-باشقارما ئەيبلىمەسلىك چىقىش [2020] يىللىق:**-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**، ئەر، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6529221976، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقۇم خىزمەت ئورنى يۇق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادېرىسى : ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇنى ** يولى **-نۇمۇر ** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئوغرىلىق جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن كېسەل سەۋەبىدىن ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** نىڭ ئوغرىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەيىبلەنمىگۈچىگە بارلىق دەۋا ھوقۇقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** 2020 -يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 15:00 لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇنى ** يولى **-نومۇر ** ئائىلىكلەر قورۇسى **-بىنادىكى «**» ساتىراشخانىسىگە كىرىپ، چاچ ياسىتىۋاتقان زىيانغا ئۇچرىغۇچى ۋۇ** نىڭ كېرىسلو ئۈستىگە قۇيۇپ قۇيغان چاپان يانچۇقىدىن قارا رەڭلىك پۇل قاپچۇقىنى ئوغرىلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، پۇل قاپچۇق ئىچىدە 758 يۈەن نەق پۇل، ئىككى دانە 2000 يۈەنلىك مال سېتىۋىلىش كارتىسى، كىملىك، بانكا كارتىسى قاتارلىق بۇيۇملار بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 4758 يۈەن، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن ئوغرىلانغان بويۇملار زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا تولۇق قايتۇرۇپ بىرىلگەن.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
(1) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
(2) يازما ئىسپات: ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى، ئەپۇنامە، دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاش قارارنامىسى ۋە ئامان ساقلاش جەدېۋىلى، قايتۇرۇپ بېرىش جەدېۋىلى، تەكشۈرۈش گۇۋاھنامىسى ۋە تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلش كاپالەتنامىسى؛
(3) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛
(4) ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ؛
(5) ئۈن-سېن ماتېرىيالى؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلۈكىنى ئوغرىلاپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان قانۇنسىز قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قىلمىشى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بارلىق زىينىنى قايتۇرۇپ بىرىپ، زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلشىغا ئېرىشكەن، جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى بولغان، دېلوغا كەلگەندىن كىيىن جىنايىتىنى راستىچىللىق بىلەن تاپشۇرغان، تەھقىقىلىگۈچى ئورگاننىڭ تەكشۈرشىگە ئاكىتىپلىق بىلەن ماسلاشقان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغان. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن نىسبىي ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەگەر دەۋالاشقۇچىلار قارارنامىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە نارازىلىق ئەرز سۇنۇپ ئەيىبلەشنى ئىلتىماس قىلسا، ياكى بىۋاستە ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论