شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئا ش ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك (2021) 10-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx،ئەر ، ئۇيغۇر ،xx-يىلى x -ئاينىڭ x -كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529272000xxxxxxxx، كەسپى :ئۆي بېزەكچىسى، xx ناھىيە xx بازار xx كوچا xx-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق.تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،ئىلگىرى جازالانمىغان.2019-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلىپ، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەتكە ئېلىنغان، ھازىر ئائىلىسىدە.
xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021 -يىلى1-ئاينىڭ 11-كۈنى(2021) 13-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى.مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ دىلو پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلىدى.
2019 -يىلى 8 -ئاينىڭ 28-كۇنى تاڭ سەھەر سائەت 01:00 لەر ئەتراپىدا ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx دوستى دxx ۋە قxx بىلەن بىرگە يەيدىغان نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن xx شەھەر xx بازىرىنىڭ يېنىدىكى تاللا بازىرىغا كىرىپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx توڭلاتقۇدىن 2 دانە پىۋا ئالغاچ تۇڭلاتقۇنىڭ يېنىدىكى قەغەز يىشىكنىڭ ئۇستىگە توكقا چېتىپ قويغان زىيانلانغۇچى لىxx شىياۋمى 9 ماركلىق قارا كۈل رەڭلىك تىلفۇننى كۆرۇپ تاللا بازىرىنىڭ خۇجايىنى دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ،تىلفۇننى ئوغۇرلاپ يانچۇقىغا سېلىپ ،ئالغان نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى تۆلەپ دۇكاندىن چىقىپ كەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىين زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
xx شەھەرلىك مال-باھا ئىدارىسىنىڭ (2019) 0438 -نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۇنىدە ئوغۇرلانغان شىياۋمى 9 ماركىلىق،قارا كۇل رەڭلىك،128G سىغىمىلق تىلفۇننىڭ باھاسىنى 3135 يۇەن دەپ باھالىغان.
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ،ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان ،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زاڭ مال ئەسلىگە كەلگەن،جىنايىتىنى تونۇش ،تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى ئەيىبلەشنىڭ زۆرۆريىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئاxxنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسبى) نى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى سۇنسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى xx شۆبىسىگە ئىلتىماس قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ھەم بىۋاستە xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسا بۇلىدۇ .
xx شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论