不起诉决定书
被不起诉人阿**,男,1999年**月**日出生,公民身份号码6529011999********,维吾尔族,无业,中专文化,户籍所在地新疆**市**社区居民点**号,本市无固定住址。因犯危险驾驶罪,于2019年6月24日被**市人民法院判处拘役五个月并处罚金一万元。因涉嫌盗窃罪,于2020年1月7日被乌鲁木齐市公安局高新技术产业开发区(新市区)分局刑事拘留,同年1月17日经本院批准逮捕,次日被乌鲁木齐市公安局高新技术产业开发区(新市区)分局逮捕。
本案由乌鲁木齐市公安局高新技术产业开发区(新市区)分局侦查终结,以被不起诉人阿**涉嫌盗窃罪,于2020年3月17日向本院移送审查起诉。
经本院依法审查查明:
2018年10月12日21时57分,被不起诉人阿**在本市**区**路**号**学校**教室,以借手机打电话为由,将被害人买**的一部手机(“OPPO牌”、R15型)盗走。经鉴定,被盗手机价格为2183元。
案发后,被不起诉人阿**案发后自愿如实供述自己的罪行,已赔偿被害人的经济损失并得到谅解。
认定上述事实的证据有:书证、证人证言、被害人陈述、被不起诉人阿**的供述和辩解、鉴定意见、辨认笔录、微信转账记录等。
本院认为,被不起诉人阿**实施了《中华人民共和国刑法》第二百六十四条规定的行为,因其在归案后能如实供述其犯罪事实,系坦白,适用《中华人民共和国刑法》第六十七条第三款的规定。且情节轻微,具有悔罪情节,已赔偿被害人损失并得到谅解,适用《中华人民共和国刑事诉讼法》第二百八十八条、第二百九十条的规定。同时,被不起诉人阿**自愿认罪认罚,适用《中华人民共和国刑事诉讼法》第十五条之规定对其予以从宽处罚。根据《中华人民共和国刑法》第三十七条的规定,不需要判处刑罚。依据《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十七条第二款的规定,决定对阿**不起诉。
被不起诉人如不服本决定,可以自收到本决定书后七日内向本院申诉。
被害人如不服本决定,可以自收到本决定书后七日内向乌鲁木齐市人民检察院申诉,请求提起公诉;也可以不经申诉,直接向乌鲁木齐市新市区人民法院提起自诉。
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى
يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۈ ش ي ت 2-بۆلۈم ج ئەيىبلىمەسلىك 15(2019) نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**، ئەر، 1999-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر ، پۇقرالىق سالاھىيەت نومۇرى : ********6529011999، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەلۇماتلىق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى **شەھىرى ** ئىجدىمائىي رايونى ئاھالىلەر رايونى **نومۇر، ئۈرۈمچىدە مۇقىم تۇرۇشلۇق ئورنى يوق، ئىشسىز.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ** شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 10000 يۈەن شىتىراف قويۇلغان.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** 2020-يىلى1-ئاينىڭ7-كۈنى ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان، مەھكىمىمىز 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقۇرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى3-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**نىڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن، شۇ كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلو پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە مۇقىملاشتۇردۇق:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ** مەكتىپنىڭ **سىنىپىدا، زىيانلانغۇچى مە**نىڭ بىر دانە OPPOماركىلىق R15 تىپلىق يانفونىنى، ئىشلىتىۋېلىش باھانىسىدە زىيانلانغۇچىدىن ئېلىۋالغاندىن كېيىن يانفوننى سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. (ئوغرىلانغان يانفوننىڭ باھاسى2183 يۈەن دەپ باھالانغان، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى قايتۇرۇلغان )
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئۆز ئىقتىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: تۇتۇش جەريانى، ياش ئىسپاتى، دېلوغا ئائىت سوت ھۆكۈمى، ئۈندىدار ھېسابات خاتىرىسى؛
2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
3. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونلۇق باھا گۇۋاھلىق مەركىزىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى؛
6. تونۇتۇش خاتىرىسى؛
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ئۈچۈن »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ« 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك، قىلمىشى يىنىك، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنى قايتۇرۇپ ئەپۇسىغا ئېرىشكەن بولغاچقا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 288-ماددىسى، 290-ماددىسىنى تەدبىقلاش كېرەك، ئەيىبلەنمىگۈچى ئا**نىڭ ئۆز ئىقتىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن ئا**كە قارىتا ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر بۇ قارارغا نارازى بولسا، مەزكۇر قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى4-ئاينىڭ4-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论