乌什县人民检察院
不起诉决定书
乌什检一部刑不诉〔2021〕xx号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبلىماسلىق (2019) xx -نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى مەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى مەxx نىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
ئەيىبلەنمىگۈچى مەxx 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت 22:40 ئەتراپىدا ئۇچتۇرپان بازىرى يېڭشەھەر 1-رايۇنىدىكى «مەپتۇن خوگۇخانسى» دا زىيانلانغۇچى ئىxx بىلەن ھاراق ئىچىش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى ئىxxنىڭ مەست بۇلۇپ دۇكان ئىچىدىكى سافادا ئۇخلاپ قالغان پۇرستىدىن پايدىلىنىپ، ئىxxنىڭ مەيدە يانچۇقدىن 3700 پۇلنى ئوغرىلىغاندا دۇكان ئىگىسى جىxx تەرپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. ئەيىبلەنمىگۈچى يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆزلۈگىدىن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
مەھكىمىمىز: ئەيىبلەنمىگۈچى مەxxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈكىنى يۇشۇرۇن قىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئوغرىلىغان مال-مۈلۈكنىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، زىيان ئەسلىگە كەلگەن، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىدى، شۇڭا ئەيىبلەنمىگۈچىنى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلدى.
ئەگەر تەرەپلەر مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمسىگە ئەرز قىلسا بۇلىدۇ.
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论