欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(麦某某的交通肇事罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 独角龙 评论0

机密★1年

乌什县人民检察院 

不起诉决定书

乌什检一部刑不诉〔2021〕xx号 

ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 

                       ئۇ ت جىنايى ئىشلار ئەيىبلىمەسلىك (2021)  xx-نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى مەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، xx ۋىلايىتى xx ناھىيە يېڭى شەھەر يۇلى xx-كۇچا xx-نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى شوپۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى مەxxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىدۇق ۋە ئەيىبلەنمىگۈچى بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

ئەيىبلەنمىگۈچى مەxx 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 14:00 ئەتراپىدا خۇتەن دىيار تىرانسىپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نامىدىكى كۆمۈر بېسىلغان  xx نومۇرلۇق كۇزۇپ ئېسىلغان ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتۇمبىلىنى ھەيدەپ، ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا تۇxxنى چىقىرىپ، ئۈچتۇرپان ناھىيە ياكۆۋرۈك يېزا 7-كەنىت تەۋەسىدىكى مەھەللە يۇلىدا جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ مېڭىپ، ياكۆۋرۈك يېزا 7-كەنىت 2-مەھەللە تەۋەسىدىكى T شەكىللىك يول ئېغىزىغا  كەلگەندە، ئاپتۇموبىلىنى ئارقىغا ياندۇرۇش جەريانىدا، ئارقا تەرەپتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاxx ئوخشاش يۈلىنىشتە ھەيدەپ ماڭغان  xx نومۇرلۇق ئىككى چاقىلىق توكسىكىلىتنى سۇقىۋەتكەن، نەتىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاxx نەق مەيداندا ئۈلۈپ كەتكەن. ھادىسىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىشكەن، ئەيىبلەنمىگۈچى مەxx زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاxx ئائىلە تاۋاباتىغا ھەق تەلەپ تۆلىمى ئۈچۈن 568 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىپ، ئەپۇ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.  

جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «باھالانغۇچى ئاxx قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن باش، قورساق بوشلۇقىدىكى ئىچكى ئەزالار زەخىملىنىپ، قانسىراش خاراكتېرلىك شوك بولۇپ ئۆلگەن» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا «مەxx ھادىسىدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاxx مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەپ بىكىتكەن. 

ئەيىبلەنمىگۈچى مەxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

بۇ ھەقتە پاكىت ئوچۇق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى مەxxنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ يول يۈرۈپ، ھادىسە سادىر قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدا كۆرسۈتۈلگەن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى مەxx تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، دېلونىڭ ھەق-تەلەپ قىسمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ تولۇق رازى قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەپۇسىنى قولغا كەلتۈرگەن قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىدى. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى. 

 تەرەپلەر بۇ قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ.  

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top