乌什县人民检察院
不起诉决定书
乌什检一部刑不诉〔2020〕XX号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىپلىمەسلىك (2020)XX–نومۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى خXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX–يىلى XX–ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXX، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى خXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشى ئۈچۈن يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىپلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردى ھەمدە ئەيىپلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئەستايدىل ئاڭلىدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
ئەيىپلەنمىگۈچى خXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 ئەتراپىدا XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى ھXX (يېزىنىسى)نىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆيىنىڭ يان قىسىمىدىكى بوش يەردىن قوتان ئىچىگە كىرىپ بىر تۇياق (قارا رەڭلىك ئەركەك)قوينى ئوغۇرلاپ، ئوغۇرلىغان قوينى ئۆيىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى قوناقلىققا يوشۇرۇپ قويغان، 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە زىيانلانغۇچى ھXX (يېزىنىسى)نىڭ ئۆيىدىن قوتان ئىچىگە ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش ئوسۇلدا كىرىپ بىر تۇياق (سېرىق رەڭلىك ئەركەك)قوينى ئوغۇرلاپ چىقىپ قوناقلىق ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويغان قوي بىلەن جەمئى ئىككى تۇياق (بىرسى قارا رەڭلىك ئەركەك، بىرسى سېرىق رەڭلىك چىشى) قوينى ناتونۇش بىر تاكسى شوپۇرىغا 1400 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
جاۋابكار خXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 16:00لەر ئەتراپىدا XX ناھىيەسىدىن 306-ئۆلكە يولى ئارقىلىق پىيادە XX يېزىسىغا مېڭىپ XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللىنىڭ ئايلانما قىسمىغا كەلگەندە، يول يېنىدىكى تۆت ئەتراپى ئورمان بىلەن قورشالغان قوي قوتىنىنى كۆرۈپ قوي ئوغۇرلاپ سېتىپ خەجلەش نىيتىگە كېلىپ ئىككى تۇياق (بىرسى قارارەڭلىك مۈڭگۈزلۈك چىشى، بىرسى يېرىم قارا، يېرىم ئاق مۈڭگۈزى يوق ئەركەك)قوينى ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ يول بويىغا قويۇپ قويۇپ كىرا ئاپتوبۇسى ئارقىلىق XX ناھىيە يولۇچىلار بېكىتىگە كىرىپ بىر ناتونۇش شوپۇرغا قويلارنى XX يېزىسىغا كىرا قىلىپ ئاپىرىپ بېرىشنى 70 يۈەنگە پۈتۈشۈپ تاكسى ماشىنسى بىلەن XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللىدىكى ئوغۇرلىغان قوينىڭ يېنىغا بېرىپ قويلارنى تاكسىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا باسقان، بۇ ۋاقىتتا تاكسى شوپۇرى قويلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورىغاندا، ئەيىپلەنمىگۈچى خXX قويلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەي قويلارنى XX يېزا XX-كەنىتتىكى تۇققىنىمنىڭ ئۆيىدىن سېتىۋالغان دەپ شوپۇرغا يالغان گەپ قىلغان، تاكسى شوپۇرى ئىشەنمەي ئەيىپلەنمىگۈچى خXXنى XX يېزا XX-كەنىت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ دېلو مەلۇم قىلغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك باھادا ئىسپات بىرىش ئىدارىسى «خXX ئوغۇرلىغان 4 تۇياق قوينىڭ ھازىرقى بازار باھاسىنى 3900 يۈەن» دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىپلەنمىگۈچى خXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىدىكى ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ھەم راست، ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيسى ياخشى، ئوغۇرلىغان بويۇمنىڭ قىممىتى بىر قەدەر تۆۋەن (ئوغۇرلىغان 4 تۇياق قوينىڭ قىممىتى 3900 يۈەن) بولۇپ، 1500 يۈەن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. قېپقالغان 2400 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى بىلەن زىيانلانغۇچى يېقىن ئورۇق-تۇققان بولۇپ، زىيانلانغۇچى ئەيىپلەنمىگۈچىنى ئەپۇ قىلىپ زىياننى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئەپۇنامە يېزىپ بەرگەن قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا بولىدۇ، شۇڭا ئەيىبلەنمىگۈچىنى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلدى.
مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىغان تەرەپ قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ. بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论