欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

买某某、艾某某危险驾驶案_和静县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

和静县人民检察院 

起 诉 书

和静县检一部刑诉〔2020〕371号 

  خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                                     خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020)   371 -نومۇرلۇق   

      جاۋابكار مXX ، ئەر، ئۇيغۇر،1987-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX6528271987، كەسپى:دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،بۇرۇن جازالانمىغان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ  XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنتى XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇر ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللگە بىرىلگەن.ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ  XX ناھىيە XXئۇلتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.

    جاۋابكار ئەXX ، ئەر، ئۇيغۇر،1991-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX6528271991، كەسپى:دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،بۇرۇن جازالانمىغان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ XX ناھىيە XX بازىرى XXكەنتى XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇر ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللگە بىرىلگەن.ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ XX ناھىيە نXX بازىرى XX كەنتى XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.

    جاۋابكار مXX،ئەXX ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى11-ئاينىڭ04-كۈنى  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى،جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكار مXX،ئەXX مەزكۇر دىلودا تېز كېسىم   تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

    قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

 2019 -يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە جاۋابكار مXX ئۆزىنىڭ 新MXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتىمۇبىلىنى ھەيدەپ XX ناھىيە XX رىستۇرانىغا  تويغا كىلىپ ھاراق ئىچكەن. جاۋابكار ئەXXمۇ  شۇ رىستۇرانىدا باشقا ئۈستەل ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن. توي ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مXX  رىستۇراندىن سىرتقا چىقىپ  ئەXX بىلەن   ئۇچۇرۇشۇپ قالغان. مXX ئەينى ۋاقىتتا بەكلا مەس بولغاچقا ، ئەXX  مXXنىڭ新MXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتىمۇبىلىنى ھەيدەپ، ماشنغا مXX بىلەن  يXXنى  چىقىرىپ، ماشننى غەرىپ تەرەپكە ھەيدەپ مىڭىپ ناھىيىلىك خەلىق دۇختۇرخانىسىنىڭ يېنىدىكى يۇل بىلەن ئۇچىنچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى يۇلغا چىقىپ يەنە داۋاملىق غەرىپ تەرەپكە ھەيدەپ مىڭىپ پىيادىلەر كۇچىسى جەنۇبى ئىشىكى ئالدىدىكى ۋاقتىلىق ئامانلىق تەكشۇرۇش ئورنىغا كەلگەندە،شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا  قىلۋاتقان ساقچىلارنىڭ تەكشۈرىشىگە ماسلاشماي،ئاپتىمۇبىلنى تۇختاتمايلا بۇ ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش ئورنىدىن  ئۈتۈپ كەتكەن. ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار بۇ ئاپتىمۇبىلنىڭ كەينىدىن قۇغلىغان.بۇ ئاپتىمۇبىل ساقچىلاردىن قېچىپ خېجىڭ ناھىيە 6-رۇتا كۇچىسى تۇمۇر يۇل كۆۋرىكى ئاستىدىكى يول بۈلىكىگە كەلگەندە،جاۋابكار  ئەXX ماشننى توختىتىپ يXX بىلەن  ئاپتومۇبىلدىن چۈشۈپ كەتكەن. ئاندىن  ياردەمچى شۇپۇر ئوروندىكى جاۋابكار مXX شۇپۇر ئۇرنىغا چىقىپ بۇ 新MXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتىمۇبىلىنى شەرىق-غەرىپ يۈلىنشتە ھەيدەپ مىڭىش جەريانىدا نەق مەيدانغا يىىتپ كەلگەن ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان. جاۋابكارلار تۇتۇلغاندىن ئۆزىنىڭ جىنايى قىلشمنى ئەينەن ئىقىرار قىلغان.                                               

     شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)زەھەرباھالاش 9323-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋابكار مXXنىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە 280 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بىكىتكەن.  

   شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)زەھەرباھالاش 9324-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋابكار ئەXXنىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە 168مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بىكىتكەن.  

جاۋابكار مXX،ئەXX دىلو سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.

     يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى،نەق مەيدان رەسىمى،جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى،دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەدىلىيەلىك تەكشۇرۇپ باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار مXX،ئەXX قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ پىراۋىسى يوق ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا مەست ھالەتتە ھەيدىگەن،قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار مXX،ئەXXلارنىماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار مXX،ئەXX جىنايىتى تۇنۇپ،جىنايى جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ15-ماددسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.شۇڭا جاۋابكار مXX،ئەXXنىڭ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                                 ھۆرمەت بىلەن:  

                                خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                                تەپتىش : ئەخمەتجان رۇزى 

                          2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top