欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

买某某、艾某某涉嫌盗窃案起诉书

2021-09-24 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،1-بۆلۈم جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش(2019) 72 –نۇمۇرلۇق

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار مX،ئەر،ئۇيغۇر،19XX-يىل X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:65292819XXXXXXXXXX،يۇرتى:X ناھىيە،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى:X ناھىيە X بازار X كەنتى X-گۇرۇپ X-نومۇر،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ماسسا دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان،2019-يىلى 7 –ئاينىڭ 3-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن،ھازىر سىرتتا.

جاۋاپكار ئەX،ئەر،ئۇيغۇر،20XX-يىل X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:65292820XXXXXXXXXX،يۇرتى:X ناھىيە،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى:X ناھىيە X بازار X كەنتى X-گۇرۇپ X-نومۇر،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ماسسا X ناھىيلىك كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى،ئىلگىرى جازالانمىغان،2019-يىلى 7–ئاينىڭ 3-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن،ھازىر سىرتتا.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار مX،ئەXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00لەر ئەتراپىدا X بازار X ئارامگاھىدا جاۋاپكار مX،زىيانلانغۇچى ئەX ۋە ئاX،مX،ئەX،قX قاتارلىقلار تاماق يىيىشكەچ ھاراق ئىچىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان.بىردەمدىن كىيىن جاۋاپكار ئەX كېلىپ يۇقارقىلارغا قوشۇلۇپ بىرگە ھاراق ئىچكەن،يۇقارقىلار 2019-يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 2:00 لەردە سورۇندىن تارقاپ سىرتقا چىققاندىن كىيىن جاۋاپكار ئەX قXنى ئۈيىگە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن كەتكەن.شۇئارلىقتا ئاXنىڭ تەكلىپى بۇيىچە ئاX،ئەX،مX،جاۋاپكار مX قاتارلىقلار ئاXنىڭ ئۈيىگە بېرىپ ھاراق ئىچىشنى مەسلەھەتلەشكەندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئX بىلەن جاۋاپكار مX سورۇنغا لازىمەتلىك ئىچىملىكنى ئېلىش ئۈچۈن«X ئارامگاھى»نىڭ يان تەرىپىدىكى ھاراق –تاماكا دۇكىنىدىن ھاراق،سۇغۇق ئىچىملىك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ زىيانلانغۇچى ئەX پۇل تۆلەۋاتقاندا جاۋاپكار مX زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ يېنىدىكى بىرتۇتام يۈزئەنلىك پۇلنى كۈرۈپ قالغان،زىيانلانغۇچى ئەX سېتىۋالغان ھاراق،سوغوق ئىچىملىك قاتارلىق نەرسىلەرنى كۈتۈرۈپ يېنىپ چىقىپ جاۋاپكار مX،ئاX،مX قاتارلىقلار ئاXنىڭ X بازار X كەنت 5-گۇرۇپتىكى ئۈيىگە بېرىپ سورۇن تۈزەپ ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان،بىر ئازدىن كىيىن جاۋاپكار مX بىلەن مX ئىككىسى سورۇنغا جاۋاپكار ئەX بىلەن ئاXXنى باشلاپ كىلىشنى سوروندىكىلەرگە ئېيتىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىپ مXX بىلەن جاۋاپكار مX X بازارلىق پاختا زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەX،ئاX بىلەن كۆرۈشكەندىن جاۋاپكار مX بىلەن ئەX بىر موتودا،ئاX بىلەن مX بىر موتودا ئاXنىڭ ئۈيىگە ماڭغان،بۇ جەرياندا جاۋاپكار مX جاۋاپكار ئەXغ:«بايا قارىسام ئەXنىڭ يېنىدا بىرمۇنچە يۈز كويلۇق پۇل باركەن،مەن سورۇنغا بارغاندىن كىيىن ئەXغا ھاراقنى كۆپرەك قۇيۇپ مەس قىلىپ ياتقۇزۇپ قوياي،سەن ئەXنىڭ يېنىدىكى پۇلنى ئالغىن،ئۇنىڭدىن كىيىن بىز سورۇندىن كېتەيلى»دېگەن،جاۋاپكار ئەX قۇشۇلغان،يۇقارقىلار ئاXنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كىيىن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ سورون ئارلىقىدا زىيانلانغۇچى ئەX مەس بۇلۇپ يېتىپ قالغان،جاۋاپكار مX زىيانلانغۇچى ئەXنى ئاXنىڭ ياتاق ئۈيىگە ئەكىرىپ پول ئۈستىگە ياتقۇزۇپ قۇيۇپ سورونغا چىقىپ ئولتۇرغان،بىر ئازدىن كىيىن جاۋاپكار ئەX زىيانلانغۇچى ئەX ئارام ئېلىۋاتقان ئۆيگە كىرىپ زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ مەس بۇلۇپ ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ ئىشتاننىڭ كەينى يانچۇقۇدىكى 5000.00(بەش مىڭ)يۈئەن پۇلنى ئوغورلاپ چىققاندىن كىيىن سىرتقا چىقىپ 2200(ئىككى مىڭ ئىككى يۈز) يۈەننى ئۆزى ئايرىپ يانچۇقىغا سېلىۋالغان،ئۇنىڭدىن كىيىن جاۋاپكار مX سىرتقا چىققان،جاۋاپكار ئەX 2800(ئىككى مىڭ سەككىز يۈز)يۈەننى مXقا بەرگەندىن كىيىن جاۋاپكار مX،جاۋاپكار ئەX سورۇندىن ئايرىلىپ ئاۋات بازىرىغا كېلىپ جاۋاپكار مXنىڭ يېنىدىكى 2800(ئىككى مىڭ سەككىز يۈز)يۈەن پۇلدىن 1500(بىرمىڭ ئۈچ يۈز)يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن.

جاۋاپكار ئەX 2200 يۈەننى ئۆيىگە ئاپىرىپ يوشۇرۇپ قويغان.

جاۋاپكارلار تۇتۇلغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىينى تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1.يازما ئىسپات 2. زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى  4.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 5.ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار مX،ئەXنىڭ قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋاپكارلار تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى تۇللۇق ئىقرار قىلىدۇ،زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن،زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش:خانئايىم يۈسەن

       ئەسقەر مەمەت

 

2019-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› 13 پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى. 2›جاۋاپكارلار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top