欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

买某某交通肇事案_和静县人民检察院

2021-09-23 尘埃 评论0

和静县人民检察院 

起 诉 书

和静县检一部刑诉〔2020〕203号 

  خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى 

               خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020) -نومۇرلۇق   

جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1995-يىلى XX-ئاينىڭ XX- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529261995، كەسپى: يەككە تىجارەتچى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھرى تىيانشان رايونى XX كوچىسى XX ئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-ئۆي، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : كورلا شەھرى XX يېزىسى XX يولى XX-نۇمۇر XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇر، بۇندىن بۇرۇن جازالانمغان، 2019–يىلى 09–ئاينىڭ 24–كۇنى قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلنغىچە  كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە. 

جاۋابكار مXXنىڭ قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى (2020) 168-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى،ھادىسدە ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىلىرى،زىيانلانغۇچىلارغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگەھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئوقتۇرۇلدى. جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى . دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

2019-يىلى 08- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 21 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپتا، جاۋابكار م 新XX XXنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلنى غەرىپتىن-شەرىققە يۆلىنىشتە ھەيدەپ، خېجىڭ ناھىيە دۆلەت يولى 218-لىنيە 455 كىلومىتىر +623 مىتىرلىق يول بۆلكىگە كەلگەندە، چىن XX شەرىق غەرىپ يۆنىلىشتە ھەيدەپ مۇشۇ يول بۆلكىگە كەلگەن  新MXXXXXنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىل بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن. نەتىجىدە新AXXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلدا ئولتۇرغۇچى مXX قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈپ  كەتكەن. 新AXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگۈچى مXX، ئاپتوموبىلىدا ئولتۇرغۇچى قXX،新MXXXX نۇمۇرلۇق نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلنى ھەيدىگۈچى چىن XX،MXXXX   新نۇمۇرلۇق نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلدا ئولتۇرغۇچى لې XX قاتارلىق تۆت ئادەم يارلىنىشى ۋە ئىككى قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلۇشتەك قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان.

 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 19-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قانۇن بويىنچە چىقارغان 652827120190000049 -نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە جاۋابكار مXX بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ھادسىدە ئۆلگۈچى مXX ، زەخمىلەنگۈچى چېڭ XX، قXX،لى XXلار بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە  مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ  بىكىتكەن.   

خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ(2019) 25-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە ئادەم بەدىنى تەكشۈرۈپ بېكتىش پىكىرنامىسدە ھادىسدە ئۆلگۈچى  مXXنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى قاتناش ھادىسى ئىكەنلىكنى تەھىلىل قىلىپ  كۆكرەك قىسمى يېپىق خارەكتىرلىك زەخمىلنىپ شۈك بۇلۇپ ئۆلگەن دەپ باھالاش پىكىرى چىقارغان.

خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ(2020) 15-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە ئادەم بەدىنى تەكشۈرۈپ بېكتىش پىكىرنامىسدە ھادىسدە  زەخمىلەنگۈچى چىن XXنىڭ زەخمىسنى ئىككىنىچى دەرىجىلىك ئىغىر زەخمە دەپ بېكتكەن.

خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ(2020) 20-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە ئادەم بەدىنى تەكشۈرۈپ بېكتىش پىكىرنامىسدە ھادىسدە  زەخمىلەنگۈچى لې XXنىڭ زەخمىسنى ئىككىنىچى دەرىجىلىك ينىك زەخمە دەپ بېكتكەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ،زىيانلانغۇچىنڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،باھالاشنامە، نەق-مەيدان ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش ماتىرىيالى جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مXX قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ھادىسە تۇغدۇرۇپ بىرئادەمنىڭ ئۆلۈپ كتىشى ،بىر ئادەمنىڭ ئىغر زەخمىلنشى،بىر ئادەمنىڭ يىنىك زەخمىلنشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بۇلۇپ ،قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قاتناش ھادىسى جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. مXX ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىن دىلو مەلۇم قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 67-ماددسىنىڭ بەلگمىسىگە ئاساسەن يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بىرىلىدۇ. شۇڭا جاۋابكار مXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

       ھۆرمەت بىلەن:  

           خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                            تەپتىش : ئەخمەتجان رۇزى 

                          2020-يىلى 10-ئاينىڭ9-كۈنى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top